1بۇ دۇنيادىكى ئىنسان ھاياتى مۇشەققەتلىك ئەمەسمۇ؟
ئۇنىڭ كۈنلىرى مەدىكارنىڭ كۈنلىرىگە ئوخشىماسمۇ؟
2ئۇ سايىگە تەشنا بولغان قۇلغا،
ھەققىنى كۈتۈپ تۇرغان مەدىكارغا ئوخشايدۇ.
3شۇنىڭغا ئوخشاش مېنىڭ پېشانەمگىمۇ مەنىسىز كۈنلەر،
ئېچىنىشلىق كېچىلەر پۈتۈلگەندۇر.
4ياتقان ۋاقتىمدا ‹قاچان تاڭ ئاتار؟› دەپ ئويلايمەن،
بىراق كېچە ئۇزۇندۇر، ئۇيقۇسىز ئېغىناپ تاڭنى كۈتىمەن.
5تەنلىرىمنى جاراھەت بېسىپ، قۇرتلاپ كەتتى،
تېرىلىرىم شەلۋەرەپ، يىرىڭلاپ كەتتى.
6كۈنلىرىم باپكارنىڭ موكىسىدىنمۇ تېز ئۆتمەكتە
ھەم ئۈمىدسىزلىك ئىچىدە ئاخىرلاشماقتا.
7ئى خۇدا، ھاياتىمنىڭ پەقەت بىر تىنىق ئىكەنلىكىنى ئۇنتۇمىغىن،
كۆزلىرىم ئەمدى بەختنى قايتا كۆرەلمەيدۇ.
8سەن ھازىر مېنى كۆرەلەيسەن، لېكىن كېيىن كۆرەلمەيسەن.
سەن ماڭا نەزىرىڭنى ئاغدۇرغاندا، مەن ئاللىقاچان بۇ دۇنيادىن يوقالغان بولىمەن.
9ئادەم گۆرگە كىرسە، خۇددى تاراپ كەتكەن بۇلۇتتەك، قايتىپ كەلمەيدۇ.
10ئۇ ئۆزىنىڭ ئۆيىگە قايتىپ كەلمەيدۇ،
يۇرتىدىكى كىشىلەرمۇ ئۇنى ئەسكە ئالمايدۇ.
11شۇڭا مەن ئۈنسىز تۇرالمايمەن،
يۈرىكىمدىكى ھەسرەتلىرىمنى ئېيتىمەن،
قەلبىمدىكى ئازابلىرىمنى تۆكىمەن.
12ئى خۇدا، مېنى نىچۈن كۆزىتىپ تۇرىسەن؟
ئەجەبا مەن دېڭىزدىكى قورقۇنچلۇق مەخلۇقمىدىم؟
13تۆشۈكۈم ماڭا راھەت بېغىشلايدۇ،
كارىۋىتىم دەردىمگە دەرمان بولىدۇ دەپ ئويلىسام،
14چۈشلىرىمدە قورقۇتىسەن،
غايىبانە ئالامەتلىرىڭ بىلەن ۋەھىمىگە سالىسەن.
15بۇنداق ھالەتتە ياشىغاندىن،
بوغۇلۇپ ئۆلۈۋېلىشنى ئارتۇق كۆرىمەن.
16جېنىمدىن جاق تويدۇم، داۋاملىق ياشاشقا رايىم يوق.
كۈنلىرىم نەپەستەك قىسقا بولسا، مېنى ئۆز ئىختىيارىمغا قوي.
17ئىنسان دېگەن قانچىلىك نەرسە ئىدى، سەن ئۇنى شۇنچە مۇھىم بىلگۈدەك؟
ئۇنىڭغا شۇنچە دىققەت قىلغۇدەك؟
18ھەر سەھەردە ئۇنى كۆزەتكۈدەك؟
ھەر دائىم سىنىغۇدەك؟
19قاچان ماڭا نەزەر سالماي،
تۈكۈرۈكۈمنى يۇتقۇدەك پۇرسەت بېرىسەن؟
20ئىنسانلارنى كۆزەتكۈچى ئى خۇدا،
گۇناھ قىلغان بولسام، بۇ ساڭا زىيان سالدىمۇ؟
نىچۈن مېنى ئوقۇڭغا نىشان قىلدىڭ؟
ئەجەبا مەن ساڭا يۈك بولۇپ قالدىممۇ؟
21نىچۈن قىلمىشلىرىمنى كەچۈرۈم قىلىپ،
گۇناھلىرمنى ساقىت قىلمايسەن؟
تېنىم تۇپراققا بەخشەندى بولغاندا،
مېنى ئىزدىسەڭمۇ تاپالمايسەن.»