1ئايۇپ جاۋاب بېرىپ مۇنداق دېدى:
2«بۇنداق سۆزلەرنى كۆپ ئاڭلىغانمەن،
يامان تەسەللىلىرىڭلار ئادەمنى ئېچىندۇرىدۇ.
3قۇرۇق سۆزۈڭلار تۈگىمەمدۇ؟
نېمە ئىش سىلەرنى بۇنداق توختىماي سۆزلەشكە مەجبۇر قىلىۋاتىدۇ؟
4ئەگەر سىلەر مېنىڭ ئورنۇمدا بولغان بولساڭلار،
مەنمۇ سىلەرگە بۇنداق سۆزلەرنى قىلالايتتىم،
بېشىمنى چايقاپ، سىلەرنى ئەيىبلىيەلەيتتىم.
5لېكىن، مەن سىلەرگە ئىلھام بېرىدىغان سۆزلەرنى قىلىپ،
تەسەللىلىرىم بىلەن ئازابىڭلارنى يەڭگىللىتەتتىم.
6ئەگەر رەددىيە بەرسەم ئازابىم يەڭگىللىمەيدۇ،
لېكىن سۈكۈت قىلسام ئازابتا قالىمەن.
7ئى خۇدا، مېنى ھالىمدىن كەتكۈزدۈڭ،
ئائىلەمنى ۋەيران قىلدىڭ.
8مېنى ئورۇقلىتىپ، قاقشال قىلدىڭ،
ئورۇقلۇقۇم گۇناھىمنىڭ ئىسپاتى بولدى.
9خۇدا غەزىپى بىلەن تېنىمنى تىتىۋەتتى، ماڭا زىيانكەشلىك قىلدى،
ئۇ ماڭا چىشلىرىنى غۇچۇرلىتىپ،
دۈشمەنلىككە تولغان غەزەپلىك كۆزلىرى بىلەن تىكىلدى.
10كىشىلەر مېنى مەسخىرە قىلماقتا،
يۈزۈمگە شاپىلاق ئۇرۇپ كەمسىتمەكتە،
بىرلىشىپ ماڭا ھۇجۇم قىلماقتا.
11خۇدا مېنى يامانلارغا،
رەزىللەرنىڭ قولىغا تاشلاپ بەردى.
12ئەسلىدە مەن خاتىرجەم ئىدىم، خۇدا مېنى پارچە-پارچە قىلىۋەتتى،
بوينۇمدىن ئېلىپ يەرگە ئاتتى،
ئوقىغا نىشان قىلدى.
13ئۇنىڭ ئوقياچىلىرى مېنى ئارىغا ئېلىۋالدى،
يۈرەك-باغرىمنى رەھىمسىزلەرچە تېشىپ،
ئۆتۈمنى يەرگە تۆكتى.
14ئۇ قايتا-قايتا مېنى زەخىملەندۈرگەندە،
خۇددى پالۋاندەك ماڭا ئېتىلدى.
15ماتەملىك كىيىم تىكىپ كىيىپ،
شان-شەرىپىمنى توپىغا كۆمۈۋەتتىم.
16يىغىدىن مەڭزىلىرىم قىزىرىپ،
قاپاقلىرىم قارىداپ كەتتى.
17ئەمما مەن زوراۋانلىق قىلمىدىم،
دۇئالىرىم سەمىمىي بولدى.
18ئېھ زېمىن، قېنىمنى يوشۇرما،
نىدالىرىمنى توسما.
19مانا، ھازىر مېنىڭ گۇۋاھچىم ئەرشتىدۇر،
مېنى ئاقلىغۇچى بۈيۈكلۈكتىدۇر.
20دوستلىرىم مېنى مەسخىرە قىلىۋاتىدۇ،
مەن خۇدا ئالدىدا ياش تۆكمەكتىمەن.
21خۇددى ئىنسانلار ئارىسىدا كېلىشتۈرگۈچى بولغىنىدەك،
ئىنسانلار بىلەن خۇدا ئارىسىدىمۇ كېلىشتۈرگۈچى بولسىدى-ھە!؟
22چۈنكى كۈنلىرىم ئاز قالدى،
ئۇزاققا قالماي بارسا كەلمەس جايغا كېتىمەن.»