1بىر مەزگىلدىن كېيىن، نۇرغۇن ئەر-ئاياللار ئۆزلىرىنىڭ يەھۇدىي قېرىنداشلىرى توغرۇلۇق ئامما ئارىسىدا نارازىلىق بىلدۈردى. 2بەزىلەر: «بىز كۆپ جانلىق، بىزگە جېنىمىزنى ئامان ئەتكۈدەك ئوزۇق-تۈلۈك كېرەك!» دېيىشسە، 3بەزىلەر: «بىز قەھەتچىلىك مەزگىلىدە ئوزۇق-تۈلۈككە ئېرىشىش ئۈچۈن ئېتىزىمىز، ئۆزۈمزارلىقىمىز ۋە ئۆيلىرىمىزنى رەنىگە قويدۇق» دېيىشتى. 4يەنە بەزىلەر: «بىز پادىشاھقا ئېتىز ۋە ئۆزۈمزارلىق ياسىقى تاپشۇرۇش ئۈچۈن قەرز ئالدۇق. 5بىز بىلەن باي يەھۇدىي قېرىنداشلىرىمىزنىڭ قېنى بىر، بىزنىڭ پەرزەنتلىرىمىزنىڭ ئۇلارنىڭ پەرزەنتلىرىدىن ھېچ پەرقى يوق. بىراق بىز پەرزەنتلىرىمىزنى ئۇلارغا قۇل قىلماسلىققا چارىمىز يوق. ھېلىمۇ قىزلىرىمىزدىن بەزىلىرى قۇل بولۇپ كەتتى. بىز بۇنىڭغا ئامالسىز. چۈنكى ئېتىزلىرىمىز ۋە ئۆزۈمزارلىقلىرىمىز قولىمىزدىن كەتتى.» دېدى.
6مەن ئۇلارنىڭ نارازىلىقلىرىنى ئاڭلاپ ناھايىتى ئاچچىقلاندىم. 7بۇ ئىشقا مۇلاھىزە يۈرگۈزۈپ، ئاندىن جامائەت ئەربابلىرى ۋە ئەمەلدارلارنى ئەيىبلەپ مۇنداق دېدىم:
_ سىلەر ئۆسۈم ئېلىش ئارقىلىق ئۆز قېرىنداشلىرىڭلارغا زۇلۇم سېلىۋاتىسلەر!
ئاندىن مەن جامائەتكە چاقىرىق قىلىپ، ئۇلارغا قارشى يىغىن ئاچتىم. 8يىغىندا مەن ئۇلارغا:
_ بىز ئەڭ زور تىرىشچانلىق كۆرسىتىپ، يات خەلقلەرگە ئامالسىز سېتىلىپ كەتكەن يەھۇدىي قېرىنداشلىرىمىزنى تۆلەم تۆلەپ قايتۇرۇۋالغانىدۇق، ئەمدى سىلەر ئۇلارنى يەنە قۇللۇققا سېتىۋاتىسىلەر! بىز ئۇلارنى قايتىدىن قۇللۇقتىن سېتىۋېلىشىمىز كېرەكمۇ؟! _ دېدىم. ئۇلار تۇنجۇقۇپ كەتكىنىدىن زۇۋان سۈرمىدى. 9مەن يەنە:
_ قىلغىنىڭلار ھەقىقەتەن توغرا بولماپتۇ! سىلەر نېمىشقا خۇدادىن قورقماي، يات خەلق رەقىبلىرىمىزنىڭ مەسخىرە قىلىشىغا پۇرسەت يارىتىپ بېرىسىلەر؟ 10ھەتتا مەن، قېرىنداشلىرىم ۋە خىزمەتكارلىرىممۇ خەلققە پۇل ۋە ئاشلىق قەرز بەرگەنىدۇق. ئەمدى بىز ئۆسۈم ئېلىشنى توختىتايلى! 11سىلەرگە رەنىگە قويۇلغان ئېتىز، ئۈزۈمزارلىق، زەيتۇنلۇق ۋە ئۆيلەرنى ھازىرنىڭ ئۆزىدىلا ئىگىسىگە قايتۇرۇپ بېرىڭلار! پۇل، ئاشلىق، شاراب ۋە زەيتۇن يېغىنى قەرز بېرىپ ئالغان ئۆسۈملىرىڭلارنى ياندۇرۇپ بېرىڭلار! _ دېدىم.
12ئۇلار:
_ ھەممىنى قايتۇرۇپ بېرىمىز ھەمدە خەلقتىن ھېچنېمىنى تەلەپ قىلمايمىز، دېگىنىڭىز بويىچە بېجىرىمىز، _ دەپ جاۋاب بېرىشتى.
مەن روھانىيلارغا چاقىرىق قىلىپ، جامائەت ئەربابلىرى ۋە ئەمەلدارلارنى بەرگەن ۋەدىسى بويىچە قەسەم قىلدۇردۇم. 13ئاندىن كېيىن چەكمىنىمنىڭ پېشىنى قېقىپ:
_ خۇدا بۇ ۋەدىدە تۇرمىغانلارنى مۇشۇنداق قېقىپ، ئۇلارنى قورۇ-جايىدىن ۋە بېساتىدىن ئادا-جۇدا قىلىۋەتسۇن، _ دېدىم.
جامائەتنىڭ ھەممىسى: «ئامىن!» دەپ، پەرۋەردىگارنى مەدھىيەلىدى. ئۇلار ۋەدىسىدە تۇردى.
14مەن يەھۇدىيەگە باشلىق بولغان ئون ئىككى يىلدا، يەنى ئارتاخشاستى پادىشاھنىڭ 20-يىلىدىن ئوتتۇز ئىككىنچى يىلىغىچە، باشلىققا خاس يېمەكلىكلەرنى يېمىدىم، تۇغقانلىرىممۇ شۇنداق قىلدى. 15بۇرۇنقى باشلىقلارنىڭ ھەممىسى خەلققە ئالۋان-ياساق سالغانىدى. ئۇلار خەلقتىن ھەر كۈنلۈكى ئۈچۈن ئوزۇق-تۈلۈك ۋە شارابلارنى ھەمدە ئۇنىڭدىن باشقا قىرىق كۈمۈش تەڭگە ئالاتتى. ھەتتا ئۇلارنىڭ خىزمەتكارلىرىمۇ خەلققە زۇلۇم سالغانىدى. لېكىن مەن ئۇنداق قىلمىدىم، چۈنكى مەن خۇداغا ئىخلاسمەن ئىدىم. 16مەن ئۆزۈمنى سېپىل قۇرۇلۇشىغا ئاتىۋەتتىم. بىز يەرگىمۇ ئىگىدارچىلىق قىلمىدۇق. پۈتۈن خىزمەتكارلىرىممۇ سېپىل قۇرۇلۇشى بىلەن ھەپىلىشىپ كەتكەنىدى. 17مېنىڭ داستىخېنىمدىن غىزالىنىدىغان يەھۇدىيلار ۋە ئەمەلدارلار ئادەتتە بىر يۈز ئەللىك كىشى بولۇپ، بۇلاردىن باشقا ئەتراپتىكى مىللەتلەردىنمۇ بار ئىدى. 18ماڭا ھەر كۈنى بىر كالا، ئالتە قوي ۋە قۇشلار، ھەر ئون كۈندە بىر قېتىم ھەر خىل شارابلار تەييارلىناتتى. شۇنداقتىمۇ، مەن باشلىققا خاس يېمەكلىكلەرنى تەلەپ قىلمىدىم، چۈنكى خەلقنىڭ يۈكىنىڭ ناھايىتى ئېغىرلىقىنى بىلەتتىم.
19ئى خۇدا، بۇ خەلق ئۈچۈن قىلغانلىرىمنى سەمىڭدە تۇتۇپ، ماڭا ياخشىلىق قىلغايسەن!