1ئۇ كۈندە مۇسا پەيغەمبەر ئارقىلىق چۈشۈرۈلگەن تەۋراتتىكى يازمىلار جامائەتكە ئوقۇلدى. ئۇنىڭدا: «ئاممونلار ۋە موئابلارنىڭ ئىبادەتكە قاتنىشىشىغا قەتئىي رۇخسەت يوق» دېيىلگەن بۆلەك بايقالدى. 2چۈنكى بۇرۇن ئۇلار ئىسرائىللار مىسىردىن چىققان ۋاقىتتا ئۇلارنى ئوزۇق-تۈلۈك ۋە سۇ بىلەن تەمىنلىمەي، ئەكسىچە ئىسرائىللارغا لەنەت ئوقۇش ئۈچۈن بىلئامنى ياللىغانىدى، ئەمما خۇدايىمىز بۇ لەنەتنى بەختكە ئايلاندۇرغانىدى. 3جامائەت تەۋرات قانۇنىنى ئاڭلىغان ھامان، ئارىلاشما ئىرقلارنى جامائەت ئارىسىدىن چىقىرىۋەتتى.
4بۇنىڭدىن بۇرۇن روھانىي ئەلياشىب ئىبادەتخانىنىڭ ئامبارلىرىنى باشقۇرۇشقا تەيىنلەنگەنىدى. ئۇنىڭ ئاممونلاردىن بولغان توبىيا بىلەن تۇغقانچىلىقى بار ئىدى. 5ئۇ بۇرۇن ئاشلىق ھەدىيەلىرى، خۇشبۇي بۇيۇملار، ئىبادەتخانا سايمانلىرى ۋە ئاشلىق، شاراب ھەم زەيتۇن يېغىنىڭ ئوندىن بىر ئۈلۈشى قويۇلغان بىر ئېغىز يوغان ئۆينى توبىياغا تەييارلاپ بەرگەنىدى. بۇ نەرسىلەر ئەمر بويىچە مۇناجاتچىلار، دەرۋازىۋەنلەر ۋە باشقا لاۋىيلارغا بېرىلىدىغان بولۇپ، ئۇلارنىڭ ئارىسىدىكى بەزى ئۈلۈشلىرى روھانىيلارغا بېرىلەتتى.
6بۇ ئىشلار يۈز بەرگەندە، مەن يېرۇسالېمدا ئەمەس ئىدىم. بابىل پادىشاھى ئارتاخشاستىنىڭ 32-يىلى مەن پادىشاھنىڭ يېنىغا باردىم. كېيىن مەن قايتىش ئۈچۈن ئۇنىڭ رۇخسىتىنى سورىدىم. 7مەن يېرۇسالېمغا يېتىپ كەلگەندە، ئەلياشىبنىڭ توبىياغا ئىبادەتخانا ھويلىسىدىن بىر ئېغىز ئۆينى ئاجرىتىپ بەرگەن رەزىللىكىنى بايقىدىم. 8مەن بەك ئاچچىقلىنىپ، توبىيانىڭ بارلىق بىساتىنى ئۇ ئۆيدىن ئاچىقىپ تاشلىدىم. 9مەن روھانىيلارغا بۇ ئۆيلەرنى مۇراسىم بويىچە پاكلاشنى ھەمدە ئىبادەتخانا سايمانلىرى، سۇنۇلغان ئاشلىق ھەدىيەلىرى ۋە خۇشبۇي بۇيۇملارنى ئۇ ئۆيگە قايتۇرۇپ ئەكىرىشنى بۇيرۇدۇم.
10مەن يەنە لاۋىيلارنىڭ كۈندىلىك تەمىنات ئوزۇقلۇقىنى بەرمىگەنلىكىنى بايقىدىم. شۇڭا خۇدانىڭ خىزمىتىدە بولىدىغان مۇناجاتچىلار بىلەن باشقا لاۋىيلار ئېتىزلىرىغا ئىشلەشكە كەتكەنىدى. 11شۇنىڭ بىلەن مەن ئەمەلدارلارنى ئەيىبلەپ:
_ نېمە ئۈچۈن ئىبادەتخانا خىزمىتى نەزىرىڭلاردىن تاشلىنىپ قالدى؟ _ دېدىم.
مەن يەنە مۇناجاتچىلار ۋە باشقا لاۋىيلارنى چاقىرىپ، ئۆزىگە تېگىشلىك خىزمەتلىرىنى قايتىدىن قىلدۇردۇم. 12يەھۇدىيەدىكى بارلىق خەلق يەنە بىر قېتىم ئاشلىق، شاراب ھەم زەيتۇن يېغىنىڭ ئوندىن بىر ئۈلۈشىنى ئىبادەتخانا ئامبارلىرىغا ئېلىپ كېلىشكە باشلىدى. 13مەن روھانىي شەلەميا، پۈتۈكچى زادوق ۋە لاۋىيلاردىن بولغان پىدايانى ئامبارلارغا مەسئۇل قىلدىم. مەن يەنە ماتتانيانىڭ نەۋرىسى ھەم زاككۇرنىڭ ئوغلى خاناننى ئۇلارغا ياردەمچى قىلدىم. بۇلار ئىشەنچلىك ئادەملەر بولۇپ، خىزمەتداشلىرى لاۋىيلارغا ئادىللىق بىلەن تەقسىم قىلىشقا مەسئۇل ئىدى.
14ئى خۇدا، بۇ ياخشى ئىشنى سەمىڭدە تۇتقايسەن ھەمدە ساداقەتمەنلىك بىلەن ئىبادەتخانىغا ۋە ئۇنىڭ خىزمەتلىرىگە قىلغانلىرىمنى ئۇنتۇپ قالمىغايسەن!
15ئۇ كۈنلەردە مەن بەزى يەھۇدىيلارنىڭ دەم ئېلىش كۈنىدە ئۈزۈم يانجىۋاتقانلىقىنى كۆردۈم. ئادەملەرنىڭ يەنە ئاشلىق ئېلىپ كېلىۋاتقانلىقىنى ۋە ئېشەكلىرىگە ئارتىۋاتقانلىقىنى كۆردۈم. ئۇلار دەم ئېلىش كۈنىدە ئۈزۈم، ئەنجۈر، شاراب ۋە ھەر خىل مەھسۇلاتلارنى يېرۇسالېمغا ئېلىپ كېلىۋاتاتتى. شۇنىڭ بىلەن مەن ئۇلارنى بۇ كۈندە مەھسۇلاتلىرىنى ساتماسلىققا ئاگاھلاندۇردۇم. 16يېرۇسالېمدا تۇرغان تىر شەھىرىدىن كەلگەنلەر بېلىق ۋە ھەر خىل تاۋارلارنى ئېلىپ كېلىپ دەم ئېلىش كۈنىدە يەھۇدىيەدىكىلەرگە سېتىۋاتاتتى، ھەتتا يېرۇسالېمدىمۇ شۇنداق قىلىۋاتاتتى.
17شۇنىڭ بىلەن مەن يەھۇدىيلارنىڭ جامائەت ئەربابلىرىنى ئەيىبلەپ، مۇنداق دېدىم:
_ نېمە ئۈچۈن بۇنداق رەزىللىك بىلەن دەم ئېلىش كۈنىنى بۇلغايسىلەر؟ 18ئەجدادلىرىڭلار شۇنداق قىلمىغانمىدى؟ شۇنىڭ بىلەن خۇدايىمىز بۇ بالايىئاپەتنى بىزگە ۋە بۇ شەھەرگە ياغدۇرغانىدى. ھازىر سىلەر دەم ئېلىش كۈنىنى بۇلغاش ئارقىلىق ئىسرائىللارغا قارشى تېخىمۇ زور غەزەپنى قوزغاۋاتىسىلەر!
19شۇنىڭ بىلەن مەن دەرۋازىلارنى دەم ئېلىش كۈنىدىن ئاۋۋال، كۈن پاتقاندا تاقاشنى ۋە دەم ئېلىش كۈنى ئۆتۈپ كەتمۈگىچە ئاچماسلىقنى بۇيرۇدۇم. مەن دەم ئېلىش كۈنىدە ھەرقانداق يۈك كىرمىسۇن، دەپ خىزمەتكارلىرىمنى دەرۋازىلارغا قويدۇم. 20ھەر خىل تاۋارلارنى ئەكەلگەن سودىگەرلەر ۋە سېتىقچىلار بىر ياكى ئىككى قېتىم يېرۇسالېمنىڭ سىرتىدا كېچىنى ئۆتكۈزدى. 21شۇنىڭ بىلەن مەن:
_ نېمە ئۈچۈن كېچىنى سېپىل سىرتىدا ئۆتكۈزىسىلەر؟ ئەگەر يەنە شۇنداق قىلساڭلار، ئەدىپىڭلارنى بېرىمەن! _ دەپ ئاگاھلاندۇردۇم.
شۇنىڭدىن كېيىن ئۇلار دەم ئېلىش كۈنىدە قايتا كەلمىدى. 22ئاندىن مەن دەم ئېلىش كۈنىنىڭ مۇقەددەسلىكىنى ساقلاش ئۈچۈن، لاۋىيلارنىڭ ئۆزلىرىنى پاكلاپ دەرۋازىلارغا قاراۋۇللۇق قىلىشىنى بۇيرۇدۇم.
ئى خۇدايىم، بۇنىڭ ئۈچۈن مېنى سەمىڭدە تۇتقايسەن ھەمدە يۈكسەك مەڭگۈلۈك مېھىر-مۇھەببىتىڭ بىلەن ماڭا رەھىم-شەپقەت كۆرسەتكەيسەن!
23شۇ كۈنلەردە مەن ئاشدود، ئاممون ۋە موئابلاردىن ئۆيلەنگەن بەزى يەھۇدىيلارنى كۆردۈم. 24تېخىمۇ يامىنى، ئۇلارنىڭ بالىلىرىنىڭ يېرىمى دېگۈدەك ئۆز يەھۇدىي تىلىمىزنى بىلمەي، پەقەت ئاشدودلۇق ياكى باشقا خەلقلەرنىڭ تىلىنىلا سۆزلىيەلەتتى. 25شۇنىڭ بىلەن مەن ئۇلارنى ئەيىبلەپ، ئۇلارغا لەنەت يېغىشىنى تىلىدىم. بەزىلىرىنى ئۇرۇپ، چېچىنى يۇلدۇم. مەن ئۇلارنى بالىلىرىنىڭ يەرلىكلەر بىلەن توي قىلىشىغا يول قويماسلىقى ئۈچۈن خۇدا ئالدىدا قەسەم ئىچكۈزدۈم. 26مەن ئۇلارغا مۇنداق دېدىم:
_ بۇ، ئىسرائىلىيەنىڭ سۇلايمان پادىشاھىنىڭ گۇناھ ئۆتكۈزۈشكە ئازدۇرۇلغىنىدەك بىر ئىش ئەمەسمۇ؟ ھەرقانداق مىللەتتىن ئۇنىڭغا سېلىشتۇرغۇدەك پادىشاھ بولمىغان، خۇدا ئۇنىڭغا مېھىر-مۇھەببەت كۆرسىتىپ، ئۇنى ئىسرائىللارنىڭ پادىشاھى قىلىپ تىكلىگەن. بىراق شۇنداق بولسىمۇ ئۇ يات مىللەتلەردىن بولغان ئاياللارنىڭ ئازدۇرۇشى بىلەن گۇناھ ئۆتكۈزگەن. 27ئەمدى سىلەر قانداقلارچە باشقا مىللەتلەردىن ئۆيلىنىپ، گۇناھ ئۆتكۈزۈپ، خۇداغا ساداقەتسىزلىك قىلىشنى ئويلاشقا جۈرئەت قىلالىدىڭلار؟!
28باش روھانىي ئەلياشىبنىڭ ئوغلى يويادانىڭ بىر ئوغلى خورونلۇقلاردىن بولغان سانباللاتنىڭ قىزىنى ئالغان، شۇنىڭ بىلەن مەن ئۇنى جامائەت ئالدىدا قوغلاپ چىقاردىم.
29ئى خۇدايىم، بۇ ئادەملەرنى ھەمدە ئۇلارنىڭ روھانىيلىقىنى ۋە سېنىڭ روھانىيلار ھەم لاۋىيلار بىلەن تۈزگەن ئەھدەڭنى بۇلغىغىنىنى ئېسىڭدە تۇتقايسەن!
30شۇنىڭ بىلەن مەن خەلقنى ھەرقانداق يات خەلقلەردىن يۇققان يامان تەسىرلەردىن پاكلىدىم. مەن روھانىيلارغا ۋە لاۋىيلارغا ۋەزىپە بېكىتىپ، ھەربىر ئادەمگە ئۆز خىزمىتىنى بەردىم. 31مەن يەنە بەلگىلىك ۋاقىتتا ئوتۇنلارنىڭ ھەمدە تۇنجى پىشقان مېۋىلەرنىڭ قۇربانلىق سۇپىسىغا ئېلىپ كېلىنىشىنى ئورۇنلاشتۇردۇم.
ئى خۇدا، مېنى سەمىڭدە تۇتقايسەن، ماڭا مېھرىبانلىق قىلغايسەن!