1_ ئىسرائىل زېمىنىنى ئىسرائىل قەبىلىلىرىگە مۈلۈك قىلىپ تەقسىم قىلغىنىڭلاردا، بىر پارچە يەرنى مەن پەرۋەردىگارغا ئايرىپ قويۇڭلار. بۇ يەرنىڭ ئۇزۇنلۇقى 12.5 كىلومېتىر، كەڭلىكى 10 كىلومېتىر بولسۇن. بۇ يەرنى مۇقەددەس يەر دەپ ئاتاڭلار. 2-3بۇ مۇقەددەس يەرنى ئىككى بۆلەككە بۆلۈڭلار، ھەربىر بۆلىكىنىڭ ئۇزۇنلۇقى 12.5 كىلومېتىر، كەڭلىكى 5 كىلومېتىردىن بولسۇن. شۇلارنىڭ بىرىدىن ئۇزۇنلۇقى ۋە كەڭلىكى ئوخشاشلا 250 مېتىر كېلىدىغان بىر يەرنى ئىبادەتخانا ئۈچۈن ئايرىۋېلىڭلار، بۇ ئەڭ مۇقەددەس ئورۇن بولىدۇ. ئىبادەتخانا ھويلا تېمىنىڭ تۆت تەرىپىنىڭ سىرتىدىن 25 مېتىر كەڭلىكتە بوشلۇق قالدۇرۇڭلار. 4مۇقەددەس يەرنىڭ بۇ يېرىمى يەنە ئىبادەتخانامدا ھۇزۇرۇمغا يېقىنلىشىپ، خىزمەت قىلىدىغان روھانىيلارغىمۇ تەۋە بولۇپ، بۇ يەردە روھانىيلارنىڭ تۇرالغۇلىرى بولىدۇ. دېمەك، بۇ يەردە روھانىيلارنىڭ تۇرالغۇلىرى ۋە ئىبادەتخانا بولىدۇ. 5مۇقەددەس يەرنىڭ ئۇزۇنلۇقى 12.5 كىلومېتىر، كەڭلىكى 5 كىلومېتىر كېلىدىغان ئىككىنچى يېرىمى ئىبادەتخانامدا يۈگۈر-يېتىم ئىشلارنى قىلىدىغان لاۋىيلارنىڭ مۈلكىدۇر. ئۇلار ياشايدىغان تۇرالغۇلار شۇ يەرگە جايلاشسۇن. 6مۇقەددەس يەرنىڭ جەنۇب تەرىپىدىن ئۇزۇنلۇقى 12.5 كىلومېتىر، كەڭلىكى 2.5 كىلومېتىر كېلىدىغان بىر يەرنى ئايرىۋېلىڭلار. شۇ يەرگە شەھەر جايلاشسۇن، بۇ شەھەر پۈتۈن ئىسرائىل خەلقىگە تەۋە بولىدۇ.
7مۇقەددەس يەر بىلەن شەھەرنىڭ شەرق ۋە غەرب تەرىپىدىكى ئىككى پارچە يەر پادىشاھقا تەۋە بولسۇن. غەرب تەرىپىدىكى يەر ئوتتۇرا دېڭىزغا، شەرق تەرىپىدىكى يەر ئىئوردان دەرياسىغا تۇتىشىدىغان بولۇپ، بۇ يەرلەرنىڭ غەربتىن شەرققىچە بولغان ئومۇمىي ئۇزۇنلۇقى باشقا قەبىلىلەرگە تەقسىم قىلىنغان يەرلەرنىڭ ئومۇمىي ئۇزۇنلۇقى بىلەن ئوخشاشتۇر. 8ئىسرائىل زېمىنىدىكى بۇ خانلىق يەر پادىشاھنىڭ مۈلكىدۇر. ئىسرائىللارنىڭ پادىشاھلىرى بۇنىڭدىن كېيىن خەلقىمگە زۇلۇم سالمايدۇ، ئىسرائىل قەبىلىلىرىنىڭ ئۆز يەرلىرىگە ئۆزلىرىنىڭ ئىگىدارچىلىق قىلىشىغا يول قويىدۇ.
9ئىگىمىز پەرۋەردىگار مۇنداق دەيدۇ:
_ ئەي ئىسرائىللارنىڭ يېتەكچىلىرى، بولدى بەس! ئەمدى زوراۋانلىق ۋە زۇلۇمنى قويۇپ، ئادالەت ۋە ھەققانىيەت بىلەن ئىش قىلىڭلار، خەلقىمنى ئۆز يەرلىرىدىن ئايرىلىشقا مەجبۇر قىلماڭلار. بۇ مەنكى ئىگەڭلار پەرۋەردىگارنىڭ ئېيتقان سۆزلىرىدۇر. 10تارازا ۋە ئۆلچىمىڭلار توغرا ۋە ئادىل بولسۇن. 11-12ئاشلىق ياكى سۇيۇق نەرسىلەرنى ئۆلچىگەندە، ئۆلچەملىك بىر قاچا ئىشلىتىڭلار.
13تۆۋەندىكىلەر ئىسرائىللار ھېيت-بايرام مۇناسىۋىتى بىلەن پادىشاھقا بېرىشكە تېگىشلىك بولغان نەرسىلەر ھەققىدىكى بەلگىلىمىلەردۇر. پادىشاھقا بۇغداي ۋە ئارپىدىن ئېلىنغان ھوسۇلنىڭ ئاتمىشتىن بىرى، 14زەيتۇن يېغىنىڭ يۈزدىن بىرى بېرىلسۇن. 15ئىسرائىللارنىڭ سۇلىرى ئەلۋەك يايلاقلىرىدىكى قويلارنىڭ ئىككى يۈزدىن بىرى بېرىلسۇن. يۇقىرىقىلار ئىسرائىللارنىڭ گۇناھلىرىنىڭ ساقىت قىلىنىشى ئۈچۈن ئاشلىق ھەدىيەسى، كۆيدۈرمە قۇربانلىق ۋە ئامانلىق قۇربانلىقى سۈپىتىدە سۇنۇلىدۇ. بۇ مەنكى ئىگەڭلار پەرۋەردىگارنىڭ ئېيتقان سۆزلىرىدۇر. 16بارلىق ئىسرائىللار مۇشۇنداق نەرسىلەرنى ئېلىپ كېلىپ، پادىشاھقا تاپشۇرۇپ بەرسۇن. 17ئىسرائىل خەلقىنىڭ گۇناھلىرىنىڭ ساقىت قىلىنىشى ئۈچۈن پادىشاھ ھېيت-بايرام كۈنلىرى، يېڭى ئاي چىققان كۈنلىرى ۋە دەم ئېلىش كۈنلىرى گۇناھ كەچۈرۈم قىلىنىش قۇربانلىقى، ئاشلىق ھەدىيەسى، ئىچىملىك ھەدىيەسى، كۆيدۈرمە قۇربانلىق ۋە ئامانلىق قۇربانلىقلىرىنى سۇنىدۇ.
18ئىگىمىز پەرۋەردىگار مۇنداق دەيدۇ:
_ 1-ئاينىڭ* 1-كۈنى مۇقەددەس ئىبادەتخانىنى پاكلاش ئۈچۈن بىر تۇياق بېجىرىم بۇقىنى قۇربانلىق قىلىڭلار. 19روھانىي پاكلىنىش قۇربانلىقىنىڭ قېنىدىن ئازراق ئېلىپ، ئىبادەتخانىنىڭ ئىشىكلىرىنىڭ كېشىكىگە، قۇربانلىق سۇپىسىنىڭ ئوتتۇرىدىكى بۆلىكىنىڭ تۆت بۇرجىكىگە ۋە ئىچكىرىكى ھويلا دەرۋازا ئىمارەتلىرىنىڭ ئىشىكىنىڭ كېشىكىگە سۈركەپ قويسۇن. 201-ئاينىڭ 7-كۈنى كىشىلەرنىڭ بىخەستەلىكى ياكى ساددىلىقى سەۋەبىدىن ئۆتكۈزگەن گۇناھلىرىدىن بۇلغانغان ئىبادەتخانىنى پاكلاش ئۈچۈن، روھانىي يۇقىرىقىدەك ئىش تۇتسۇن.
211-ئاينىڭ 14-كۈنىدىن باشلاپ يەتتە كۈن ئۆتۈپ كېتىش ھېيتى ئۆتكۈزۈڭلار. ھېيت كۈنلىرى پېتىر نان يەڭلار. 22ئۆتۈپ كېتىش ھېيتىنىڭ بىرىنچى كۈنى پادىشاھ ئۆزىنىڭ ۋە خەلقىنىڭ ئۆتكۈزگەن گۇناھلىرى ئۈچۈن بىر تۇياق بۇقىنى گۇناھ كەچۈرۈم قىلىنىش قۇربانلىقى سۈپىتىدە سۇنسۇن. 23بۇ يەتتە كۈنلۈك ھېيت جەريانىدا، ئۇ كۆيدۈرمە قۇربانلىق ئۈچۈن ھەر كۈنى بېجىرىم بولغان يەتتە تۇياق بۇقا، يەتتە تۇياق قوچقار، گۇناھ كەچۈرۈم قىلىنىش قۇربانلىقى ئۈچۈن بىر تۇياق تېكىنى مەنكى پەرۋەردىگارغا سۇنسۇن. 24ھەربىر بۇقا ياكى قوچقارغا قوشۇپ 30 كىلو سۈپەتلىك ئۇن ۋە 6 لىتىر زەيتۇن يېغىنى ئاشلىق ھەدىيەسى سۈپىتىدە سۇنسۇن. 257-ئاينىڭ 15-كۈنى باشلىنىدىغان يەتتە كۈنلۈك كەپە تىكىش ھېيتى مەزگىلىدە، پادىشاھ يۇقىرىدىكى مىقدار ۋە ساندا گۇناھ كەچۈرۈم قىلىنىش قۇربانلىقى، كۆيدۈرمە قۇربانلىق، ئاشلىق ھەدىيەسى ۋە زەيتۇن يېغى مەنكى پەرۋەردىگارغا سۇنسۇن.
*18_ مىلادىيە كالېندارى بويىچە 3-ئاينىڭ ئوتتۇرىلىرىدىن 4-ئاينىڭ ئوتتۇرىلىرىغىچە بولغان ۋاقىتقا توغرا كېلىدۇ.