1ئۇ ماڭا:
_ ئەي ئادەم بالىسى، ئالدىڭدىكى بۇ ئورام يازمىنى يە، ئاندىن ئۇنىڭدىكى سۆزلەرنى ئىسرائىل خەلقىگە سۆزلەپ بەر، _ دېدى. 2شۇنىڭ بىلەن مەن يازمىنى يېيىش ئۈچۈن ئاغزىمنى ئاچتىم. ئۇ يازمىنى ماڭا بەردى. 3ئۇ ماڭا:
_ ئەي ئادەم بالىسى، مەن ساڭا بەرگەن بۇ يازمىنى يە، ئۇنىڭ بىلەن قورسىقىڭنى تويدۇر، _ دېدى. مەن يازمىنى يېدىم، يازما ھەسەلدەك تاتلىق تېتىدى.
4ئاندىن ئۇ ماڭا مۇنداق دېدى:
_ ئەي ئادەم بالىسى، سەن ئىسرائىل خەلقى ئارىسىغا بار، سۆزلىرىمنى ئۇلارغا يەتكۈز. 5مەن سېنى تىل بىلىشمەيدىغان يات تىلدىكى خەلقنىڭ ئارىسىغا ئەمەس، بەلكى ئىسرائىل خەلقىنىڭ ئارىسىغا ئەۋەتىمەن. 6مەن سېنى تىل بىلىشمەيدىغان يات تىللىق خەلقلەرنىڭ ئارىسىغا ئەۋەتمىدىم. ئەگەر مەن سېنى ھەقىقەتەن شۇنداق خەلقنىڭ ئارىسىغا ئەۋەتكەن بولسام، ئۇلار چوقۇم سېنىڭ سۆزۈڭگە قۇلاق سالاتتى. 7لېكىن پۈتۈن ئىسرائىل خەلقى بوينى قاتتىق، جاھىل خەلقتۇر، ئۇلار سېنىڭ سۆزلىرىڭگە قۇلاق سالمايدۇ، ھەتتا مېنىڭ سۆزلىرىمگىمۇ قۇلاق سالمايدۇ. 8بىراق مەن سېنى ئۇلاردىنمۇ جاھىل، بوينۇڭنى ئۇلارنىڭ بوينىدىنمۇ قاتتىق قىلىمەن. 9مەن سېنى چاقماق تېشىدىن، ھەتتا ئەڭ قاتتىق تاشتىنمۇ قاتتىق قىلىمەن. گەرچە ئۇلار ئاسىي بولسىمۇ، ئۇلاردىن قورقما، ئۇلارنىڭ ئەلپازلىرىغا قاراپ ھولۇقما.
10ئۇ يەنە مۇنداق دېدى:
_ ئەي ئادەم بالىسى، سۆزلىرىمنى كۆڭۈل قويۇپ ئاڭلا، ئېسىڭدە مەھكەم تۇت. 11سۈرگۈندىكى قېرىنداشلىرىڭنىڭ ئارىسىغا بار، ئۇلار سېنىڭ سۆزۈڭگە قۇلاق سالسۇن ياكى سالمىسۇن، سەن ئۇلارغا: «ئىگىمىز پەرۋەردىگار مۇنداق دەيدۇ» دەپ جاكارلا.
12شۇ چاغدا روھ مېنى ئېگىز كۆتۈردى. پەرۋەردىگارنىڭ پارلاق نۇرى ئورنىدىن كۆتۈرۈلگەن دەل شۇ پەيتتە، كەينىمدىن گۈلدۈرمامىدەك ھەيۋەتلىك بىر سادانىڭ چىقىۋاتقانلىقىنى ئاڭلىدىم. 13بۇ مەخلۇقلارنىڭ قاناتلىرىنىڭ بىر-بىرىگە تېگىشىشىدىن چىققان ئاۋاز ھەمدە ئۇلارنىڭ يېنىدىكى چاقتىن چىققان گۈلدۈرلىگەن سادا ئىدى. 14روھ مېنى كۆتۈرۈپ ئېلىپ ماڭدى. ئىچىم سىقىلىپ، ئاچچىقلاندىم. لېكىن پەرۋەردىگارنىڭ كۈچ-قۇدرىتى مېنى قاماللىۋالغانىدى. 15مەن كىبار قانىلىنىڭ بويىدىكى تېلابىبتا سۈرگۈندە ياشاۋاتقان كىشىلەرنىڭ ئارىسىغا كەلدىم. مەن ئۇلارنىڭ ئارىسىدا ھەيرانلىقتىن ھاڭۋىقىپ، يەتتە كۈن ئولتۇردۇم.
16يەتتە كۈندىن كېيىن پەرۋەردىگار ماڭا مۇنداق دېدى:
17_ ئەي ئادەم بالىسى، مەن سېنى ئىسرائىل خەلقىنىڭ كۆزەتچىسى قىلدىم، مەندىن ئاڭلىغان سۆزلەرنى ئۇلارغا يەتكۈزۈپ، ئۇلارنى ئاگاھلاندۇر. 18ئەگەر مەن رەزىل كىشىگە: «سەن چوقۇم ئۆلىسەن» دېسەم، لېكىن سەن ئۇنىڭ يامان يولدىن قايتىپ ھايات قېلىشى ئۈچۈن ئۇنىڭغا نەسىھەت قىلمىساڭ ياكى ئۇنى ئاگاھلاندۇرۇپ قويمىساڭ، ئۇ گۇناھلىرى سەۋەبىدىن ھالاك بولىدۇ. مەن سەندىن ئۇنىڭ قېنى ئۈچۈن ھېساب ئالىمەن. 19ئەگەر سەن ئۇنى ئاگاھلاندۇرساڭ، لېكىن ئۇ ئۆزىنىڭ رەزىللىكلىرى ۋە يامان يولىدىن يانمىسا، ئۇ ئۆزىنىڭ گۇناھى سەۋەبىدىن ھالاك بولىدۇ. لېكىن سەن ئۆزۈڭنىڭ ھاياتىنى قۇتقۇزغان بولىسەن.
20ئەگەر بىر ھەققانىي ئادەم ھەق يولىدىن يېنىپ، رەزىللىك قىلسا، ئۇنى پۇتلايمەن، ئۇ چوقۇم ھالاك بولىدۇ. ئەگەر سەن ئۇنى ئاگاھلاندۇرمىغان بولساڭ، ئۇ ئۆز گۇناھى سەۋەبىدىن ھالاك بولىدۇ. ئۇنىڭ بۇرۇن قىلغان ھەققانىي ئىشلىرىمۇ ھېسابقا ئېلىنمايدۇ. مەن سەندىن ئۇنىڭ قېنى ئۈچۈن ھېساب ئالىمەن. 21ئەگەر سەن ئۇنى گۇناھ سادىر قىلماسلىق ھەققىدە ئاگاھلاندۇرغان بولساڭ، ئۇ سېنىڭ نەسىھەتىڭنى ئاڭلاپ گۇناھتىن قول ئۈزگەن بولسا، ئۇ چوقۇم ھايات قالىدۇ، سەنمۇ ئۆزۈڭنىڭ ھاياتىنى قۇتقۇزغان بولىسەن.
22پەرۋەردىگارنىڭ كۈچ-قۇدرىتى يەنە ۋۇجۇدۇمغا چۈشتى. ئۇ ماڭا:
_ ئورنۇڭدىن تۇر، تۈزلەڭلىككە بار. مەن سەن بىلەن شۇ يەردە سۆزلىشىمەن، _ دېدى.
23مەن ئورنۇمدىن تۇرۇپ، تۈزلەڭلىككە باردىم. قارىسام، پەرۋەردىگارنىڭ پارلاق نۇرى شۇ يەردە توختاپتۇ. پەرۋەردىگارنىڭ پارلاق نۇرى كىبار قانىلى بويىدا كۆرگىنىم بىلەن ئوخشاش ئىدى. مەن دەرھال ئۆزۈمنى يەرگە تاشلىدىم. 24بۇ چاغدا روھ ئىچىمگە كىرىپ، مېنى ئورنۇمدىن تۇرغۇزدى. ئۇ ماڭا مۇنداق دېدى:
_ ئۆيۈڭگە كېتىپ، ئۆزۈڭنى ئۆيۈڭگە سولا. 25ئەي ئادەم بالىسى، سەن ئارغامچا بىلەن باغلانغاندەك باغلىنىسەن، شۇنىڭ بىلەن سەن ئادەملەر ئارىسىغا بارالمايسەن. 26سېنىڭ بۇ ئاسىي خەلقنى ئەيىبلىيەلمەسلىكىڭ ئۈچۈن، مەن تىلىڭنى تاڭلىيىڭغا چاپلاپ، سېنى گاچا قىلىپ قويىمەن. ئۇلار ئاسىي خەلقتۇر. 27لېكىن مېنىڭ ئۇلارغا دەيدىغان سۆزۈم بولغاندا، تىلىڭنى ئەسلىگە كەلتۈرىمەن. سەن ئۇلارغا: «ئىگىمىز پەرۋەردىگار مۇنداق دەيدۇ» دەپ جاكارلايسەن. سۆزۈڭنى خالىغانلار ئاڭلايدۇ، خالىمىغانلار ئاڭلىمايدۇ، چۈنكى ئۇلار ئاسىي بىر خەلقتۇر.