1ئۇ كۈن كەلگەندە، پادىشاھ داۋۇتنىڭ ئەۋلادلىرى ۋە يېرۇسالېم خەلقى ئۈچۈن بىر بۇلاق ئېتىلىپ چىقىدۇ. بۇ بۇلاق ئۇلارنىڭ بارچە گۇناھلىرى ۋە ناپاكلىقىنى يۇيىدۇ.»
2قۇدرەتلىك سەردار پەرۋەردىگار مۇنداق دەيدۇ:
«ئۇ كۈن كەلگەندە، مەن بۇ زېمىندىن بۇتلارنى يوقىتىمەن. ئۇلارنىڭ نامى ئۇنتۇلىدۇ. مەن يەنە ساختا پەيغەمبەرلەرنى ۋە خەلقنىڭ ناپاكلىققا ئىنتىلىش روھىنى بۇ زېمىندىن يوقىتىمەن. 3ئەگەر بىر ساختا پەيغەمبەر يەنە يالغاندىن ۋەھىي يەتكۈزسە، ئۇنىڭ ئۆز ئاتا-ئانىسى ئۇنىڭغا: ‹سەن ئەمدى ئۆلىسەن، چۈنكى سەن پەرۋەردىگارنىڭ نامىدا يالغان ۋەھىي يەتكۈزدۈڭ!› دەيدۇ ۋە ۋەھىي يەتكۈزۈۋاتقان ئۆز ئوغلىنى نەيزە سانجىپ ئۆلتۈرىدۇ. 4ئۇ كۈن كەلگەندە، ساختا پەيغەمبەرلەر ۋەھىي يەتكۈزۈشتىن نومۇس قىلىدىغان بولىدۇ. ئۇلار خەلقنى ئالداش ئۈچۈن كىيىۋالىدىغان يۇڭدىن توقۇلغان پەيغەمبەرلىك تونلىرىنى كىيمەيدىغان بولىدۇ. 5ئۇلار: ‹مەن پەيغەمبەر ئەمەس، پەقەت دېھقانمەن، ياش ۋاقتىمدىن تارتىپلا دېھقانچىلىق قىلىپ كەلدىم› دەيدۇ. 6ئەگەر بىرى: ‹ئۇنداقتا مەيدەڭدىكى يارا ئىزلىرى* نەدىن كەلدى؟› دەپ سورىسا، ئۇ: ‹مەن دوستۇمنىڭ ئۆيىدە يارىلانغانىدىم› دەپ جاۋاب بېرىدۇ.»
7قۇدرەتلىك سەردار پەرۋەردىگار مۇنداق دەيدۇ:
«غىلاپتىن چىق ئەي قىلىچ، پادىچىمغا قارشى ئاتلان!
ماڭا يېقىن تۇرغۇچىغا قارشى چىق!
پادىچىنى ئۇر، قويلىرى پاتىپاراق بولسۇن.
مەن قوزىلارغا قارشى قولۇمنى كۆتۈرىمەن.
8مەن پەرۋەردىگار شۇنداق دەيمەنكى،
بۇ زېمىندىكى ئادەملەرنىڭ ئۈچتىن ئىككىسى يوقىلىدۇ،
پەقەت ئۈچتىن بىرى تىرىك قالىدۇ.
9مەن ئۇلارنى ئوتتا سىنايمەن.
ئۇلارنى تاۋلانغان كۈمۈشتەك پاك قىلىمەن.
ئۇلارنى ئالتۇننى تاۋلىغاندەك تاۋلايمەن.
ئۇلار مېنىڭ نامىمنى چاقىرىدۇ.
مەن ئۇلارغا جاۋاب بېرىمەن.
مەن: ‹بۇلار مېنىڭ خەلقىمدۇر› دەيمەن،
ئۇلار: ‹پەرۋەردىگار بىزنىڭ خۇدايىمىزدۇر› دېيىشىدۇ.»
*6بۇتپەرەسلەرنىڭ پەيغەمبەرلىرى ئۆزلىرىنىڭ ئىلاھلىرىدىن تىلەك تىلىگەندە، بەدەنلىرىنى پىچاق بىلەن تىلىشاتتى.