1يۇنۇس بۇ ئىشتىن تولىمۇ نارازى بولۇپ، ناھايىتى ئاچچىقلاندى. 2شۇڭا ئۇ پەرۋەردىگارغا مۇنداق دېدى:
_ ئى پەرۋەردىگار، ئۆز يۇرتۇمدا تۇرغىنىمدا سېنىڭ شۇنداق قىلىدىغانلىقىڭنى ئۆز-ئۆزۈمگە ئېيتمىغانمىدىم؟! مەن سېنىڭ ئىنتايىن مېھرىبان ۋە رەھىمدىل خۇدا ئىكەنلىكىڭنى بىلەتتىم. سەن ئاسانلىقچە غەزەپلەنمەيسەن، مېھىر-مۇھەببەتكە تولغانسەن. بالايىئاپەت كەلتۈرۈشتىن يېنىۋالىدىغانلىقىڭنى بىلەتتىم. شۇڭا ئىسپانىيەگە قاچمىغانمىدىم؟! 3ئەمدى، ئى پەرۋەردىگار، جېنىمنى ئالغىن! تىرىك ياشىغىنىمدىن ئۆلگىنىم ياخشى!
4پەرۋەردىگار ئۇنىڭغا جاۋابەن:
_ ئاچچىقلىنىشىڭ توغرىمۇ؟ _ دېدى.
5شۇنىڭ بىلەن يۇنۇس شەھەرنىڭ سىرتىغا چىقىپ، شەھەرنىڭ شەرق تەرىپىدە ئولتۇردى. ئۇ بىر چەللە تىكىپ، ئۇنىڭ سايىسىدا ئولتۇرۇپ، نىنەۋى شەھىرىدە نېمە ۋەقە يۈز بېرىدىغانلىقىغا نەزەر سالدى. 6پەرۋەردىگار خۇدا يۇنۇسنى كۆڭۈل غەشلىكىدىن قۇتۇلدۇرۇش ئۈچۈن، بىر قاپاق پەلىكىنى ئۈندۈرۈپ، يۇنۇسنىڭ بېشىغا سايە بولسۇن دەپ، ئۇنىڭ ئۈستى تەرىپىگە يېيىلدۇردى. يۇنۇس بولسا قاپاق پەلىكى ئۈچۈن ئىنتايىن خۇش بولدى. 7لېكىن ئەتىسى ئەتىگەندە خۇدا ئۆزى بىر قۇرتنى ئەۋەتتى. بۇ قۇرت كېلىپ، قاپاق پەلىكىنى يەپ، ئۇنى كېسىپ قۇرۇتۇۋەتتى. 8كۈن چىققاندا، خۇدا كۈن چىقىش تەرەپتىن ئىسسىق شامال چىقارغانىدى، قىزىق ئاپتاپ يۇنۇسنىڭ بېشىغا چۈشۈپ، ئۇنى ھالىدىن كەتكۈزدى. شۇڭا ئۇ ئۆلۈمنى تىلەپ: «تىرىك ياشىغىنىمدىن ئۆلگىنىم ياخشى!» دېدى.
9لېكىن خۇدا ئۇنىڭدىن:
_ سېنىڭ بۇ قاپاق پەلىكى ئۈچۈن ئاچچىقلىنىشىڭ توغرىمۇ؟ _ دەپ سورىدى.
_ ھەئە، ئاچچىقىمدا ئۆلگۈدەك بولۇپ قالدىم! _ دەپ جاۋاب بەردى يۇنۇس.
10پەرۋەردىگار ئۇنىڭغا:
_ سەن ئۆزۈڭ يا ئۆستۈرمەي، يا ئۇنىڭغا ئەمگەك سىڭدۈرمەي، بىر كېچىدە ئۆسۈپ، ئىككىنچى كېچىسى يوق بولۇپ كەتكەن بىر تۈپ قاپاق پەلىكىگە شۇنچە ئىچىڭ ئاغرىغان يەردە، 11مەن ئاق-قارىنى پەرقلەندۈرەلمەيدىغان بىر يۈز يىگىرمە مىڭ ئادىمى ۋە نۇرغۇن ھايۋانلىرى بار نىنەۋىدەك چوڭ شەھەرگە ئىچ ئاغرىتماي تۇرالامدىم؟! _ دېدى.