1نۇننىڭ ئوغلى يوشۇۋا ئۆز خەلقىنىڭ شىتتىمدىكى قارارگاھىدىن ئىككى چارلىغۇچىنى يوشۇرۇنچە ئەۋەتىپ، ئۇلارغا بۇيرۇق قىلىپ، مۇنداق دېدى:
_ سىلەر بېرىپ كەنئان زېمىنىنى، بولۇپمۇ ئېرىخا شەھىرىنى چارلاپ كېلىڭلار.
ئۇلار ئۇ يەرگە يېتىپ بېرىپ، راھاب ئىسىملىك بىر پاھىشە ئايالنىڭ ئۆيىگە چۈشۈپ، شۇ يەردە تۈنەپ قالدى. 2ئېرىخا شەھىرىنىڭ پادىشاھى ئىسرائىللارنىڭ بۇ زېمىننى چارلاشقا كېلىپ، ئاشۇ ئۆيدە تۇرۇۋاتقانلىقىدىن خەۋەر تېپىپ، 3ئادەم ئەۋەتىپ، راھابقا:
_ ئۆيۈڭگە كەلگەنلەرنى چىقىرىپ بەر! ئۇلار زېمىنىمىزنى چارلاش ئۈچۈن كەلگەنلەر، _ دېدى.
4ئەمما راھاب ئۇ ئىككىسىنى ئاللىقاچان يوشۇرۇپ قويغانىدى. ئۇ پادىشاھ ئەۋەتكەن ئادەملەرگە:
_ شۇنداق، ئىككى ئادەمنىڭ كەلگەنلىكى راست، ئەمما ئۇلارنىڭ قەيەردىن كەلگەنلىكىدىن خەۋىرىم يوق. 5گۇگۇم چۈشۈپ، شەھەر دەرۋازىسى تاقىلىدىغان چاغدا، ئۇ ئىككىسى چىقىپ كەتكەن. ئۇلارنىڭ قەيەرگە كەتكەنلىكىنى بىلمەيمەن. سىلەر دەرھال قوغلىساڭلار، چوقۇم يېتىشىۋالىسىلەر، _ دېدى.
6(ئەمەلىيەتتە، راھاب ئۇلارنى ئاللىقاچان ئۆگزىدىكى دۆۋىلەپ قويۇلغان زىغىر پاخىلىغا يوشۇرۇپ قويغانىدى.) 7شۇنىڭ بىلەن، پادىشاھ ئەۋەتكەن ئادەملەر ئىئوردان دەرياسىنىڭ كېچىكىگە بارىدىغان يولدا ئۇلارنى قوغلىدى. قوغلاپ كەلگەنلەر شەھەردىن چىقىشى بىلەنلا، شەھەر دەرۋازىسى تاقالدى.
8راھاب ئىككى چارلىغۇچى ئۇخلاشتىن بۇرۇن، ئۆگزىگە چىقىپ، 9ئۇلارغا مۇنداق دېدى:
_ مەن پەرۋەردىگارنىڭ بۇ زېمىننى سىلەرگە ئاتا قىلغانلىقىنى بىلىمەن. سىلەر بىزنى بەكلا قورقۇتۇۋەتتىڭلار. بۇ زېمىندىكى بارلىق خەلق سىلەردىن قورقۇپ، يۈرەكلىرى سۇ بولۇپ كەتتى. 10سىلەر مىسىردىن چىققاندا پەرۋەردىگارنىڭ سىلەرگە قىزىل دېڭىزنى قۇرۇتۇپ بەرگەنلىكىدىن بىزنىڭ خەۋىرىمىز بار، يەنە سىلەرنىڭ ئىئوردان دەرياسىنىڭ شەرقىي قىرغىقىدىكى ئامورلارنىڭ سىخون ۋە ئوگ دېگەن ئىككى پادىشاھىنى ۋە پۇقرالىرىنى تەلتۆكۈس يوقاتقانلىقىڭلاردىنمۇ خەۋەردارمىز. 11بىز بۇلارنى ئاڭلىغان ھامان قورقۇپ، جاسارىتىمىز يوقالدى. چۈنكى، پەرۋەردىگارىڭلار خۇدا پۈتۈن ئالەمنىڭ خۇداسىدۇر. 12-13مەن سىلەرگە ياخشى مۇئامىلە قىلدىم. شۇڭا ھازىر سىلەر پەرۋەردىگارنىڭ ئالدىدا مېنىڭ جەمەتىمگە چېقىلماسلىققا قەسەم بەرسەڭلار. مېنىڭ ئاتا-ئانام، ئاكا-ئۇكىلىرىم، ئاچا-سىڭىللىرىم ۋە ئۇلارنىڭ ئائىلىسىنىڭ ھاياتىنى قۇتقۇزۇپ، ئۇلارنى ئۆلۈمدىن ساقلاپ قېلىشقا كاپالەت بەرسەڭلار.
14ئۇ ئىككى چارلىغۇچى قەسەم بېرىپ مۇنداق دېدى:
_ ئەگەر سەن بىزنىڭ ھەرىكىتىمىزنى ئاشكارىلاپ قويمىساڭلا، پەرۋەردىگار بىزگە ئاتا قىلغان بۇ زېمىن قولىمىزغا ئۆتكەن ھامان، بىز ساڭا بەرگەن ۋەدىمىزدە تۇرۇپ، مېھرىبانلىقىمىزنى كۆرسىتىمىز. ئەگەر بىز ۋەدىمىزدە تۇرمىساق، پەرۋەردىگار بىزنىڭ جېنىمىزنى ئالسۇن.
15سېپىل راھابنىڭ ئۆيىنىڭ پاسىل تېمى بولغاچقا، ئۇ ئارغامچا بىلەن ئۇ ئىككىسىنى دېرىزىدىن تۆۋەنگە چۈشۈرۈپ قويۇپ، 16ئۇلارغا مۇنداق دېدى:
_ تاغ ئىچىگە كىرىپ كەتسەڭلار، قوغلاۋاتقانلار سىلەرنى تاپالمايدۇ. سىلەر شۇ يەردە ئۈچ كۈن يوشۇرۇنۇپ، ئۇلار شەھەرگە قايتقاندىن كېيىن، يولغا چىقىڭلار.
17ئۇ ئىككىسى مېڭىش ئالدىدا راھابقا:
_ سەن چوقۇم بىز دېگەندەك قىلغىن، بولمىسا بىز ساڭا بەرگەن قەسىمىمىزگە ئىگە بولمايمىز. 18بىز بۇ يەرگە قايتىپ كەلگەندە، سەن چوقۇم بۇ قىزىل ئارغامچىنى بىزنى چۈشۈرۈپ قويغان دېرىزىگە باغلاپ قويغىن. سەن ئاتا-ئاناڭ، ئاكا-ئۇكىلىرىڭ ۋە بارلىق ئائىلە ئەزالىرىڭنى ئۆز ئۆيۈڭگە جەم قىلغىن. 19ئەگەر كىم بۇ ئۆيدىن ئايرىلىپ، جېنىدىن جۇدا بولسا، ئۇ ئۆزىنىڭ شورى، بىز ئۇنىڭغا ئىگە بولالمايمىز. ئەگەر سېنىڭ ئۆيۈڭدە بىرەرسىگە قول تەگكۈزۈپ قالسا، بۇنىڭغا بىز ئەيىبكار. 20لېكىن بىزنىڭ ھەرىكىتىمىز توغرۇلۇق بىرەرسىگە ئېغىز ئاچساڭ، ئۇنداقتا بىز قىلغان قەسەمدىن خالاس بولىمىز، _ دېدى.
21راھاب:
_ بولىدۇ، شۇنداق بولسۇن! _ دېدى.
راھاب ئۇلارنى يولغا سېلىپ قويغاندىن كېيىن، قىزىل ئارغامچىنى دېرىزىگە باغلاپ قويدى.
22بۇ ئىككى چارلىغۇچى تاغقا چىقىپ يوشۇرۇنۇۋالدى. قوغلىغۇچىلار ئۇلارنى يول بويى ئۈچ كۈن ئىزدەپ تاپالماي، ئېرىخا شەھىرىگە قايتىپ كەلدى. 23شۇنىڭ بىلەن چارلىغۇچىلار تاغدىن چۈشۈپ، دەريادىن ئۆتۈپ نۇننىڭ ئوغلى يوشۇۋا بىلەن كۆرۈشۈپ، بېشىدىن ئۆتكەن ھەممە ئىشلارنى مەلۇم قىلدى. 24ئۇلار:
_ پەرۋەردىگار ھەقىقەتەن پۈتكۈل زېمىننى بىزگە ئاتا قىلىپتۇ. ئۇ يەردىكى ئادەملەر قورققىنىدىن يۈرەكلىرى سۇ بولۇپ كېتىپتۇ! _ دېدى.