1پەرۋەردىگار مۇنداق دەيدۇ:
«ئاشۇ ۋاقىت كەلگەندە، يەھۇدىيە پادىشاھلىرى، ئەمەلدارلىرى، روھانىيلىرى، پەيغەمبەرلىرى ۋە يېرۇسالېم خەلقىنىڭ سۆڭەكلىرى گۆرلىرىدىن تارتىپ چىقىرىلىدۇ. 2سۆڭەكلىرى بۇرۇن ئۆزلىرى سۆيۈپ، چوقۇنۇپ، سەجدە قىلغان، يول كۆرسىتىشنى تەلەپ قىلىپ، ئىبادەت قىلغان قۇياش، ئاي ۋە يۇلتۇزلار ئاستىدا چېچىلىپ ياتىدۇ. بۇلار ھەرگىزمۇ قايتا يىغىلىپ كۆمۈلمەيدۇ. ئۇلار خۇددى گەندىدەك تاشلىنىپ قالىدۇ. 3بۇ رەزىل خەلقنىڭ ھايات قالغانلىرى سۈرگۈن قىلغان يەرلەردە ياشاشتىن ئۆلۈمنى ئەۋزەل كۆرىدۇ. بۇ مەن قۇدرەتلىك سەردار پەرۋەردىگارنىڭ ئېيتقان سۆزلىرىدۇر!»
4پەرۋەردىگار تۆۋەندىكى سۆزلەرنى خەلققە يەتكۈزۈشۈمنى بۇيرۇدى:
«يىقىلغان ئادەم ئورنىدىن تۇرمامدۇ؟
يولدىن ئاداشقان ئادەم كەينىگە يانمامدۇ؟
5نېمىشقا بۇ خەلق دائىم يولۇمدىن چەتنەپ كېتىدۇ؟
نېمىشقا يېرۇسالېم خەلقى ھەمىشە مەندىن يۈز ئۆرۈيدۇ؟
ئۇلار ئالدىنىشقا رازىكى، يولۇمغا قايتىشنى خالىمايدۇ.
6مەن دىققەت قىلىپ، ئاڭلىدىم. ئۇلار ھەققانىي ئىشلارنى سۆزلىمەيدۇ.
ھېچكىم: ‹مەن نېمە قىلدىم؟› دەپ رەزىل قىلمىشلىرىغا پۇشايمان قىلىپ باقمايدۇ.
خۇددى جەڭ ئاتلىرى ئۇرۇش مەيدانىغا چاپقاندەك،
ھەربىرى ئۆز يوللىرىدا چېپىپ يۈرۈۋېرىدۇ.
7ھەتتا لەيلەك قۇشلىرىمۇ قاچان كېتىدىغانلىقىنى بىلىدۇ،
پاختەكلەر، قارلىغاچلار ۋە تۇرنىلارنىڭ ھەممىسى كۆچىدىغان ۋاقتىنىڭ قاچانلىقىنى بىلىدۇ،
بىراق مېنىڭ خەلقىم مېنىڭ قائىدە-نىزاملىرىمنى بىلمەيدۇ.
8سىلەر قانداقمۇ: ‹بىز ئەقىللىق! بىزدە پەرۋەردىگارنىڭ تەلىملىرى بار› دەپ ئېيتالايسىلەر؟
ئۇستازلىرىڭلار بۇلارنى ئۆز قەلەملىرى بىلەن ئۆزگەرتىپ، يالغاننى يازدى.
9دانالار نومۇسقا قېلىپ، ساراسىمىگە چۈشۈپ، قىلتاققا ئىلىندى.
ئۇلار مېنىڭ سۆزلىرىمنى رەت قىلغان تۇرسا، ئۇلاردا قانداقمۇ ئەقىل-پاراسەت بولسۇن؟
10شۇڭا مەن ئۇلارنىڭ ئاياللىرىنى باشقا ئەرلەرگە ۋە ئۇلارنىڭ يەرلىرىنى يېڭى ئىگىلىرىگە بېرىمەن.
ئۇلارنىڭ ئاددىي كىشىلىرىدىن تارتىپ كاتتا ئەربابلىرىغىچە ھەممىسى ھارام بايلىقنىڭ كويىدا يۈرىدۇ،
پەيغەمبەرلەردىن تارتىپ روھانىيلارغىچە ھەممىسى ئالدامچىلىق قىلىدۇ.
11ئۇلار خەلقىمنىڭ يارىسىغا سەل قاراپ
‹ھەممە ئىش ياخشى! ھەممە ئىش جايىدا!› دەپ، قولىنىڭ ئۇچىدىلا داۋالايدۇ.
بىراق ئىشلار ئۇلار دېگەندەك ئەمەس.
12ئۇلار ئۆزلىرىنىڭ قىلغان يىرگىنچلىك ئىشلىرى ئۈچۈن خىجىل بولدىمۇ؟
ياق! ئۇلار پەقەتلا خىجىل بولمىدى.
ئۇلار ھەتتا ئۇيىلىپ، قىزىرىشنىمۇ بىلمەيدۇ!
شۇڭا ئۇلار خۇددى باشقىلارغا ئوخشاش ھالاك بولىدۇ.
مەن ئۇلارنى جازالىغاندا، ئۇلار چوقۇم ۋەيران بولىدۇ.
بۇ مەن پەرۋەردىگارنىڭ ئېيتقان سۆزلىرىدۇر!»
13پەرۋەردىگار مۇنداق دەيدۇ:
«مەن ئۇلارنىڭ ھوسۇللىرىنى ئېلىپ كېتىمەن.
ئۈزۈم تاللىرى ھوسۇل بەرمەيدۇ.
ئەنجۈر دەرەخلىرىدە مېۋە قالمايدۇ، يوپۇرماقلىرى قۇرۇپ كېتىدۇ.
ئۇلارغا بەرگەنلىرىم ئېلىپ كېتىلىدۇ.»
14كىشىلەر دەيدۇ:
«بىز نېمىشقا بۇ يەردە ئولتۇرىمىز؟
مۇستەھكەم شەھەرلەرگە بېرىپ، توپلىنايلى.
ئەگەر بىزنىڭ پەرۋەردىگارىمىز خۇدا بىزنى ئۆلۈشكە بۇيرۇغان تەقدىردىمۇ،
ھېچ بولمىغاندا ئۇ يەردە ئۇرۇش قىلىپ ئۆلەيلى.
پەرۋەردىگارغا قارشى گۇناھ ئۆتكۈزگەنلىكىمىز ئۈچۈن، ئۇ بىزگە زەھەر بىلەن تولغان قەدەھنى ئىچىشكە بەردى.
15بىز تىنچلىقنى ئىزدىدۇق، لېكىن ھېچبىر ياخشى ئىش يۈز بەرمىدى.
جاراھەتلىرىمىزنىڭ ساقىيىدىغان ۋاقتىنى كۈتكەنىدۇق، ئەمما ۋەھىمىدە قالدۇق.
16دۈشمەن ئاتلىرىنىڭ كىشنەشلىرى ئاللىقاچان دان شەھىرىگە ئاڭلاندى.
ئايغىرلىرىنىڭ كىشنىگەن ئاۋازلىرى پۈتۈن زېمىندىكىلەرنى قورقۇتۇپ تىترەتتى.
ئۇلار بۇ زېمىندىكى بارلىق نەرسىلەرنى گۇمران قىلىشقا كېلىدۇ!
ئۇلار بۇ شەھەرنى ۋە بۇ شەھەردە ياشاۋاتقانلارنى ۋەيران قىلماقچى!»
17پەرۋەردىگار خەلقىگە مۇنداق دېدى:
«ھەقىقەتەن شۇنداق! مەن سىلەرگە قارشى دۈشمەنلەرنى ئەۋەتىمەن.
ئۇلار خۇددى زەھەرلىك يىلانلارغا ئوخشايدۇ،
ئۇلارنى ئەپسۇن بىلەنمۇ ھەيدىۋەتكىلى بولمايدۇ،
ئۇلار سىلەرنى ۋەيران قىلىدۇ.»
18مېنىڭ قايغۇ-ھەسىرەتلىرىمگە داۋا يوق! يۈرىكىم قاتتىق ئازابلىنىۋاتىدۇ.
19قەدىرلىك خەلقىمنىڭ بۇ زېمىننىڭ ھەممە يەرلىرىدە يىغلاۋاتقىنىنى ئاڭلىدىم.
ئۇلار: «سىئوندا ئەمدى پەرۋەردىگار يوقمۇ؟
سىئوننىڭ پادىشاھى ئەمدى بۇ يەردە تۇرمامدۇ؟» دەپ يىغلايدۇ.
پەرۋەردىگار:
«ئۇنداقتا نېمە ئۈچۈن ئۇلار يات ئەللەرنىڭ ئەرزىمەس بۇتلىرىغا چوقۇنۇپ،
غەزىپىمنى قوزغايدۇ؟» دەپ جاۋاب بېرىدۇ.
20كىشىلەر نالە قىلىپ:
«ياز ئۆتۈپ، ھوسۇل ئالىدىغان ۋاقىتمۇ ئاياغلاشتى.
بىراق بىز تېخى قۇتقۇزۇلمىدۇق» دېيىشىدۇ.
21خەلقىمنىڭ ۋەيران بولغانلىقىدىن، يۈرىكىم لەختە بولدى.
مەن قايغۇردۇم، بەكمۇ ھودۇقۇپ كەتتىم.
22گىلئادتا شىپالىق مەلھەم يوقمۇ؟
ئۇ يەردە تېۋىپ يوقمۇ؟
نېمە ئۈچۈن خەلقىم تېخىچە ساقايمايدۇ.