1ياقۇپ سەپىرىنى داۋاملاشتۇرۇۋاتقاندا، يول ئۈستىدە ئۇنىڭغا خۇدانىڭ پەرىشتىلىرى ئۇچرىدى. 2ياقۇپ ئۇلارنى كۆرۈپ: «بۇ يەر خۇدانىڭ دەرگاھى* ئىكەن!» دېدى ۋە ئۇ جاينىڭ ئىسمىنى ماخانايىم [مەنىسى «ئىككى دەرگاھ»] دەپ ئاتىدى.
3ياقۇپنىڭ ئاكىسى ئەساۋ ئىدوم، يەنى سەئىر رايونىدا تۇرۇۋاتاتتى. ياقۇپ ئۇنىڭ ئالدىغا خەۋەرچى ئەۋەتىپ، 4ئۇلارغا مۇنداق بۇيرۇدى:
_ ئاكام ئەساۋغا مۇنداق دەڭلار: «كەمىنىلىرى ياقۇپتىن سالام! ئۇنىڭدىن سىزگە مۇنداق خەۋەر بار: ‹مەن لاباننىڭ يېنىدا تا ھازىرغىچە تۇرۇپ، ئەمدى قايتىپ كەلدىم. 5مەندە كالا، قوي، ئۆچكە، ئېشەك ۋە قۇللار بار. ياخشى بولۇپ قالايلى› دەپ، ئالدىڭىزغا خەۋەرچىلىرىمنى ئەۋەتتىم!»
6ياقۇپنىڭ خەۋەرچىلىرى قايتىپ كېلىپ، ئۇنىڭغا:
_ بىز ئاكىڭىز ئەساۋ بىلەن كۆرۈشتۇق. ئۇ تۆت يۈز ئادەمنى ئېلىپ، سىز بىلەن كۆرۈشكىلى يولغا چىقتى، _ دەپ جاۋاب بەردى.
7ياقۇپ قورقۇنچ ۋە تەشۋىش ئىچىدە ئۆز ئادەملىرىنى ئىككى توپقا بۆلدى ھەمدە قوي، ئۆچكە، كالا ۋە تۆگىلەرنىمۇ ئىككىگە ئايرىدى. 8ئۇ «ئەگەر ئەساۋنىڭ ئادەملىرى بىر توپقا ھۇجۇم قىلسا، يەنە بىر توپ قېچىپ قۇتۇلۇپ قالار» دەپ ئويلىدى.
9ئاندىن، ياقۇپ مۇنداق دۇئا قىلدى:
_ ئى بوۋام ئىبراھىم بىلەن ئاتام ئىسھاق ئېتىقاد قىلىپ كەلگەن خۇدا، دۇئايىمغا قۇلاق سالغايسەن! ئى پەرۋەردىگار، سەن مېنى يۇرتۇمغا ھەمدە تۇغقانلىرىمنىڭ يېنىغا قايتىشقا بۇيرۇغان ۋە ھەممە ئىشلىرىمنى ئوڭ قىلىپ بېرىدىغانلىقىڭنى ئېيتقانىدىڭ. 10مەن سېنىڭ مەندەك خىزمەتكارىڭغا كۆرسەتكەن بارلىق مېھرىبانلىقىڭ ۋە ۋاپادارلىقىڭغا لايىق ئەمەسمەن. بۇرۇن مەن ئىئوردان دەرياسىدىن ئۆتكىنىمدە، قولۇمدا پەقەت بىر ھاسىلا بار ئىدى. ئەمدى بۇ ئىككى توپ كىشىنى باشلاپ قايتىۋاتىمەن. 11مېنى ئاكام ئەساۋنىڭ قولىدىن قۇتقۇزغايسەن. مەن ئۇنىڭ مېنى، ھەتتا خوتۇن، بالا-چاقىلىرىمنىمۇ ئۆلتۈرۈۋېتىشىدىن قورقىمەن. 12ھەممە ئىشلىرىمنى ئاسان قىلىدىغانلىقىڭ ۋە ماڭا دېڭىز ساھىلىدىكى قۇمدەك ھەددى-ھېسابسىز نۇرغۇن ئەۋلاد بېرىدىغانلىقىڭ توغرىسىدا قىلغان ۋەدەڭنى ئېسىڭدە تۇتقايسەن.
13-15ياقۇپ ئۇ يەردە بىر كېچە قونۇپ، ئۆز مېلىنىڭ بىر قىسمىنى، يەنى ئىككى يۈز ئۆچكە، يىگىرمە تېكە، ئىككى يۈز ساغلىق قوي، يىگىرمە قوچقار، بوتىلاقلىرى بىلەن قوشۇپ ئوتتۇز چىشى تۆگە، قىرىق ئىنەك، ئون بۇقا، يىگىرمە مادا ئېشەك ۋە ئون ھاڭگا ئېشەكنى ئاكىسى ئەساۋغا سوۋغات قىلىشقا تاللىدى. 16ئۇ بۇ ماللارنى ئايرىم-ئايرىم پادا قىلىپ، ھەربىر توپ پادىغا خىزمەتچى تەيىنلەپ، ئۇلارغا:
_ سىلەر ئالدىمدا مېڭىۋېرىڭلار. ھەربىر توپ پادىنىڭ ئارىسىدا بەلگىلىك ئارىلىق قويۇپ ھەيدەڭلار، _ دېدى.
17ئۇ يول باشلاپ ماڭغان خىزمەتچىسىگە:
_ ئاكام ئەساۋ ساڭا ئۇچرىغاندا، ئەگەر: «خوجايىنىڭ كىم؟ قەيەرگە بارىسەن، ئالدىڭدىكى بۇ ماللار كىمنىڭ؟» دەپ سورىسا، 18سەن: «بۇلار خىزمەتكارىڭىز ياقۇپنىڭ. بۇ بولسا ئۇنىڭ خوجايىنى ئەساۋغا قىلغان سوۋغىتى. ئۆزى كەينىمىزدە كېلىۋاتىدۇ» دەپ جاۋاب بەرگىن، _ دېدى.
19-20ئۇ ئىككىنچى، ئۈچىنچى ۋە باشقا پادىلىرىنى ھەيدىگەنلەرنىڭ ھەممىسىگە:
_ سىلەر ئەساۋغا ئۇچرىغاندا: «خىزمەتكارىڭىز ياقۇپ كەينىمىزدە كېلىۋاتىدۇ!» دېيىشىڭلار كېرەك، _ دەپ بۇيرۇدى.
ياقۇپ ئىچىدە «مەن بۇ سوۋغاتلار بىلەن ئۇنىڭ ئاچچىقىنى ياندۇرسام، كۆرۈشكەن چېغىمىزدا ئۇ بەلكىم مېنى كەچۈرۈۋېتەر» دەپ ئويلىدى.
21شۇنىڭ بىلەن، ئۇ سوۋغات ئېلىپ ماڭغۇچىلارنى ئاۋۋال يولغا سېلىۋېتىپ، كېچىنى شۇ يەردە ئۆتكۈزدى.
22شۇ كۈنى كېچىدە، ياقۇپ ئورنىدىن تۇرۇپ، ئىككى ئايالى، ئىككى كىچىك خوتۇنى ۋە ئون بىر پەرزەنتىنى ئېلىپ ياببوق دەرياسىدىن ئۆتتى. 23ئۇلارنى سۇدىن ئۆتكۈزگەندىن كېيىن، ھەممە تەئەللۇقاتلىرىنىمۇ قارشى تەرەپكە ئۆتكۈزۈۋەتتى. 24ئۆزى بولسا بۇ تەرەپتە يالغۇز قالدى. ئاندىن، بىر كىشى كېلىپ ياقۇپ بىلەن تاڭ ئاتقۇچە چېلىشتى. 25ئۇ كىشى ياقۇپنى يېڭەلمەيدىغانلىقىغا كۆزى يېتىپ، ئۇنىڭ ساغرىسىغا تېگىپ قويدى. بۇنىڭ بىلەن، ياقۇپنىڭ سۆڭگىچى ئورنىدىن چىقىپ كەتتى.
26ئۇ كىشى:
_ تاڭ ئاتاي دەپ قالدى، مېنى قويۇپ بەر! _ دېدى.
_ سەن ماڭا بەخت ئاتا قىلمىغۇچە، قويۇپ بەرمەيمەن، _ دېدى ياقۇپ.
27ئۇ كىشى ئۇنىڭدىن:
_ ئىسمىڭ نېمە؟ _ دەپ سورىدى.
_ ئىسمىم ياقۇپ،* _ دەپ جاۋاب بەردى ئۇ.
28ھېلىقى كىشى يەنە:
_ بۇنىڭدىن كېيىن ئىسمىڭ ياقۇپ ئەمەس، ئىسرائىل [مەنىسى «خۇدا بىلەن چېلىشتى»] بولسۇن. چۈنكى، سەن خۇدا ۋە ئىنسان بىلەن چېلىشىپ شۆھرەت قازاندىڭ، _ دېدى.
29ياقۇپ ئۇنىڭدىن:
_ ئېيتقىن، سېنىڭ ئىسمىڭ نېمە؟ _ دەپ سورىدى.
ھېلىقى كىشى:
_ ئىسمىمنى سورىما، _ دەپلا، ياقۇپقا بەخت ئاتا قىلدى.
30ياقۇپ:
_ مەن خۇدا بىلەن يۈزمۇيۈز كۆرۈشكەن بولساممۇ، جېنىم ساق قالدى! _ دېدى.
شۇنىڭ بىلەن، ئۇ بۇ يەرنىڭ نامىنى پىنۇئېل [مەنىسى «خۇدانىڭ يۈزى»] دەپ ئاتىدى. 31ياقۇپ پىنۇئېلدىن يولغا چىققاندا، كۈن چىققانىدى. ئۇنىڭ سۆڭگىچى ئورنىدىن چىقىپ كەتكەچكە، ئاقساپ ماڭاتتى. 32شۇ سەۋەبتىن، ئىسرائىللار تا بۈگۈنگىچە ھايۋانلارنىڭ ساغرىسىنىڭ پېيىنى يېمەيدۇ، چۈنكى خۇدا ياقۇپنىڭ ساغرىسىغا تەگكەن.