1ئېھ، قانداق ياخشى بولار ئىدى، ئېمىلداش ئاكامدەك بولغان بولساڭ،
ھېيىقماستىن سۆيسەم ئىدىم سېنى كوچىدا ئۇچراپ قالساڭ،
ھېچكىممۇ ئەيىبلەپ يۈرمەيتتى مېنى.
2باشلاپ كىرىپ سېنى ئانامنىڭ ئۆيىگە،
ئانام مېنى تەربىيەلىگەن شۇ يەرگە،
ئىچكۈزەتتىم ساڭا مۇسەللەستىن،
ئانار شەربەتلىرىدىن.
3بېشىم ئاستىدا ئۇنىڭ سول قولى،
ئوڭ قولىدا قۇچاقلار مېنى.
4ئۆتۈنەي سىلەردىن ئەي يېرۇسالېم قىزلىرى،
ۋاقتى كەلمىگۈچە ئويغاتماڭلار مۇھەببەتنى.
5كىم ئۇ قىز، چۆل تەرەپتىن كېلىۋاتقان،
يۆلىنىپ يارىغا؟
ئويغاتتىم سېنى ئالما دەرىخى ئاستىدا،
ئاناڭ تولغاق يەپ شۇ يەردە،
تۇغقانىدى سېنى شۇ جايدا.
6قولۇڭدىكى مۆھۈر ئۈزۈكتەك،
مۆھۈرلىۋال مېنى قەلبىڭگە.
مۇھەببەت كۈچلۈكتۇر ئۆلۈمدەك،
ئىشق مۇستەھكەمدۇر لەھەتتەك.
سۆيگۈنىڭ ئۇچقۇنلىرى
كۆيدۈرەر ئوتتەك،
قۇدرەتلىك يالقۇندەك.
7سۆيگۈنى ئۆچۈرەلمەس ئۇلۇغ سۇلار،
چۆكتۈرەلمەس ئۇنى توپانلار.
ئەگەر بىركىم ئۇنى سېتىۋالىمەن دېسە بايلىقىغا،
ئاخىر ئۆزى مەسخىرىگە قالار.
8بار كىچىك بىر سىڭلىمىز،
تېخى بالاغەتكە يەتمىگەن.
سوراپ كىرسە ئەلچىلەر،
بىز نېمە ئىش قىلىمىز؟
9ئەگەر ئۇ بىر سېپىل بولسا،
كۈمۈش مۇنار تىكلەپ ئۇنى قوغدايلى،
ئەگەر بولسا ئۇ بىر دەرۋازا،
كېدىر ياغىچى بىلەن ئۇنى توسايلى.
10ئەسلى مەن بىر سېپىل ئىدىم،
مۇناردەك ئىدى كۆكرەكلىرىم،
مەندىن خۇرسەن ئىدى يىگىتىم.
11بائال-خامۇندا بار ئىدى سۇلايماننىڭ ئۈزۈمزارلىقى،
ئۈزۈمزارلىقىنى بەردى ئۇ ئىجارىگە،
ئۇلار ھوسۇلىدىن بەرمەكچى بولۇشتى مىڭ تەڭگە.
12مىڭ تەڭگە تەۋە بولسۇن سۇلايمانغا،
ئىككى يۈز تەڭگە باققۇچىغا.
مېنىڭ ئۈزۈمزارىم ئۆزۈمنىڭكىدۇر.
13ئەي باغدا ئولتۇرغان قىز،
دوستلىرىم تەقەززادۇر ئاۋازىڭنى ئاڭلاشقا،
ئىنتىزارمەن مەنمۇ ھەم ئاۋازىڭنى تىڭشاشقا.
14ئى ئاشىقىم، چاپسان كەلگىن يېنىمغا،
خۇددى جەرەن، بۆكەن كەبى قىيغىتىپ،
يېتىپ كەلگىن خۇش پۇراقلىق تېغىمغا.