1شۇنداق قىلىپ سۇلايمان پەرۋەردىگارنىڭ ئىبادەتخانىسىنى قۇرۇپ چىقىش ئىشلىرىنىڭ ھەممىسىنى تاماملىدى. سۇلايمان پادىشاھ ئاتىسى داۋۇتنىڭ پەرۋەردىگارغا ئاتىغان ئالتۇن-كۈمۈش ۋە باشقا بۇيۇملىرىنىڭ ھەممىسىنى ئەكەلدۈرۈپ، خۇدانىڭ ئىبادەتخانىسىنىڭ خەزىنىلىرىگە قويدى.
2سۇلايمان پادىشاھ پەرۋەردىگارنىڭ ئەھدە ساندۇقىنى «داۋۇت شەھىرى»دىن، يەنى سىئوندىن ئىبادەتخانىغا يۆتكەپ ئېلىپ كېلىش ئۈچۈن، ئىسرائىللارنىڭ ئاقساقاللىرىنى، يەنى ھەرقايسى قەبىلە ۋە جەمەت باشلىقلىرىنىڭ ھەممىسىنى يېرۇسالېمدا جەم بولۇشقا بۇيرۇدى. 3شۇ سەۋەبتىن پۈتۈن ئىسرائىل خەلقى باش كۈزدىكى كەپە تىكىش ھېيتىدا پادىشاھنىڭ ئالدىغا جەم بولدى.
4-5ئىسرائىللارنىڭ ئاقساقاللىرىنىڭ ھەممىسى كەلگەندىن كېيىن، لاۋىيلار ئەھدە ساندۇقىنى كۆتۈرۈپ ئېلىپ چىقتى. لاۋىيلار بىلەن روھانىيلار بىرلىكتە ئۇچرىشىش چېدىرىنى ۋە چېدىر ئىچىدىكى بارلىق مۇقەددەس بۇيۇملارنى يۆتكىدى. 6سۇلايمان پادىشاھ ۋە پۈتكۈل ئىسرائىل خەلقى ئەھدە ساندۇقى ئالدىدا جەم بولۇپ، نۇرغۇنلىغان قوي-كالىلارنى قۇربانلىق قىلىشتى. قۇربانلىقلارنىڭ سانى ھېسابسىز بولۇپ، سانىنى ئېلىش مۇمكىن ئەمەس ئىدى.
7ئاندىن روھانىيلار پەرۋەردىگارنىڭ ئەھدە ساندۇقىنى ئۆز جايىغا، يەنى ئىبادەتخانىنىڭ ئىچكىرىكى قىسمىدىكى ئەڭ مۇقەددەس خانىغا ئېلىپ كىرىپ، ئىككى كېرۇبنىڭ قانىتى ئاستىغا قويدى. 8كېرۇبلارنىڭ قاناتلىرى ئەھدە ساندۇقىنىڭ ئۈستىدە يېيىلىپ، ئەھدە ساندۇقى بىلەن ئۇنى كۆتۈرىدىغان بالداقلارنى يېپىپ تۇراتتى. 9ئەھدە ساندۇقىنىڭ بالداقلىرى ناھايىتى ئۇزۇن بولۇپ، ئۇلارنىڭ ئۇچىنى ئىچكىرى خانىنىڭ ئالدىدا تۇرۇپ، كۆرگىلى بولاتتى، لېكىن سىرتتىن كۆرۈنمەيتتى. ئەھدە ساندۇقى تاكى ھازىرغىچە شۇ يەردە تۇرماقتا. 10ئەھدە ساندۇقى ئىچىدە مۇسا سىناي تېغىدا سېلىپ قويغان ئىككى تاش تاختىدىن باشقا ھېچ نەرسە يوق ئىدى. ئىسرائىللار مىسىردىن چىققاندىن كېيىن، پەرۋەردىگار شۇ تاغدا ئۇلار بىلەن ئەھدە تۈزگەنىدى.
11روھانىيلار مۇقەددەس جايدىن قايتىپ چىقىشتى. بارلىق روھانىيلار مەيلى قايسى توپتىن بولۇشىدىن قەتئىينەزەر ھەممىسى ئۆزلىرىنى پاكلىغانىدى. 12نەغمىچى لاۋىيلارنىڭ ھەممىسى، يەنى ئاساف، ھېمان، يىدۇتۇن ۋە ئۇلارنىڭ ئوغۇللىرى، تۇغقانلىرى نەپىس كەندىر رەختتىن تىكىلگەن تون كىيىشىپ، قۇربانلىق سۇپىسىنىڭ شەرقىدە تۇرۇشاتتى. ئۇلارنىڭ قوللىرىدا جاڭ، چىلتار، لىرا بار ئىدى. 120 نەپەر كاناي چالىدىغان روھانىيلار ئۇلارنىڭ يېنىدا ئىدى . 13نەغمىچىلەر پەرۋەردىگارغا شۈكۈر ئېيتىپ، مەدھىيە ئوقۇغان ۋاقتىدا كاناي، جاڭ ۋە باشقا سازلار بىرلىكتە تەڭكەش قىلىنىپ، ئۆزئارا ماسلاشقانىدى. ئۇلار ناخشا ئېيتىپ: «پەرۋەردىگار شاپائەتلىكتۇر، ئۇنىڭ مۇھەببىتى مەڭگۈلۈكتۇر» دەپ مەدھىيەلىشىۋاتاتتى. دەل شۇ ۋاقىتتا پەرۋەردىگارنىڭ ئىبادەتخانىسى بۇلۇت بىلەن تولغانىدى. 14بۇلۇت، يەنى پەرۋەردىگارنىڭ پارلاق نۇرى ئىبادەتخانىنى قاپلىغاچقا، روھانىيلار ۋەزىپىسىنى ئادا قىلالماي قالغانىدى.