1ئىسرائىلىيە بىلەن ئاررام ئوتتۇرىسىدا ئۈچ يىلغىچە ئۇرۇش بولمىدى. 2لېكىن ئۈچىنچى يىلىغا كەلگەندە يەھۇدىيە پادىشاھى يىھوشافات ئىسرائىلىيە پادىشاھى ئاخاب بىلەن كۆرۈشكىلى كەلدى. 3ئىسرائىلىيە پادىشاھى ئۆز ئەمەلدارلىرىغا:
_ گىلئادتىكى راموت شەھىرى بىزنىڭ ئەمەسمۇ؟! بىز نېمە ئۈچۈن ئۇنى ئاررام پادىشاھىدىن قايتۇرۇۋالماي قاراپ تۇرىمىز؟ _ دېدى.
4ئۇنىڭدىن كېيىن ئاخاب يىھوشافاتتىن:
_ سىلى راموتنى ئالغىلى جەڭ قىلىش ئۈچۈن مەن بىلەن بىللە باراملا؟ _ دەپ سورىدى.
يىھوشافات:
_ مەن سىلى بىلەن ئاتلىنىشقا تەييارمەن. ئادەملىرىمنى ئۆزلىرىنىڭ ئادەملىرى، ئاتلىرىمنى ئۆزلىرىنىڭ ئاتلىرى دەپ، بىلگەيلا. 5لېكىن سىلى بۇنى ئالدى بىلەن پەرۋەردىگاردىن سورىسىلا! _ دېدى.
6شۇنىڭ بىلەن ئاخاب تەخمىنەن 400 پەيغەمبەرنى يىغىپ، ئۇلاردىن:
_ مەن راموتقا ھۇجۇم قىلىشقا بارسام بولامدۇ-بولمامدۇ؟ _ دەپ سورىدى.
_ بارغايلا! ئىگىمىز راموتنى قوللىرىغا تاپشۇرىدۇ، _ دېدى ئۇلار.
7بىراق يىھوشافات:
_ بۇ يەردە پەرۋەردىگارنىڭ پەيغەمبەرلىرىدىن قالمىدىمۇ، ئەگەر قالسا، بىز بۇنى ئۇنىڭدىن سورايلى، _ دېدى.
8_ پەرۋەردىگاردىن سورىغىلى يەنە بىرەيلەن بار، _ دېدى ئاخاب، _ لېكىن مەن ئۇنىڭغا ئۆچ، چۈنكى ئۇ مەن ھەققىدە ۋەھىي يەتكۈزگەندە، ھەمىشە ياخشى گەپ ئەمەس، يامان گەپ قىلىدۇ. ئۇ يىملاھنىڭ ئوغلى مىكايادۇر.
_ پادىشاھ تۇرۇپ، بۇنداق دېسىلا بولمايدۇ! _ دېدى يىھوشافات.
9شۇنىڭ بىلەن ئاخاب ئوردا ئەمەلدارلىرىدىن بىرەيلەننى چاقىرىپ، ئۇنى يىملاھنىڭ ئوغلى مىكايانى دەرھال ئېلىپ كېلىشكە بۇيرۇدى.
10ئىسرائىلىيە پادىشاھى ئاخاب بىلەن يەھۇدىيە پادىشاھى يىھوشافات شاھانە تونىنى كىيىپ، سامارىيەنىڭ شەھەر دەرۋازىسىنىڭ سىرتىدىكى خاماندا ھەرقايسىسى ئۆز تەختىدە ئولتۇرۇشاتتى. پۈتۈن پەيغەمبەرلەر ئۇلارنىڭ ئالدىدا ۋەھىيلەرنى يەتكۈزدى. 11پەيغەمبەرلەردىن بىرى كىنائاننىڭ ئوغلى زىدقىيا ئىدى. ئۇ تۆمۈردىن ياسالغان بىر جۈپ مۈڭگۈزنى كۆرسىتىپ تۇرۇپ، ئاخاب پادىشاھقا:
_ پەرۋەردىگار مۇنداق دەيدۇ: «سەن بۇ مۈڭگۈزلەر بىلەن ئارراملارغا بۇقىدەك ئۈسسۈپ، ئۇلارنى مەغلۇپ قىلىسەن»، _ دېدى.
12باشقا پەيغەمبەرلەرمۇ ئوخشاش سۆزنى قىلىپ:
_ راموتقا ھۇجۇم قىلغايلا، سىلى غەلىبە قىلىدىلا. پەرۋەردىگار شەھەرنى قوللىرىغا تاپشۇرىدۇ، _ دېيىشتى.
13بۇ چاغدا مىكايانى چاقىرغىلى بارغان ئەمەلدار ئۇنىڭغا:
_ قاراڭ، ھەممە پەيغەمبەرلەر پادىشاھقا بىر ئېغىزدىن ياخشىلىقتىن بېشارەت بېرىشتى. سىزمۇ ئۇلارغا ئوخشاش ياخشىلىقتىن بېشارەت بەرگەيسىز، _ دېدى.
14لېكىن مىكايا:
_ مەڭگۈ ھايات پەرۋەردىگار ئالدىدا قەسەم قىلىمەنكى، پەرۋەردىگار ماڭا نېمە دېسە مەن شۇنى دەيمەن، _ دېدى.
15مىكايا ئاخاب پادىشاھنىڭ ئالدىغا بارغاندا، پادىشاھ ئۇنىڭدىن:
_ مىكايا، بىز راموتقا ھۇجۇم قىلىشقا بارساق بولامدۇ-بولمامدۇ؟ _ دەپ سورىدى.
_ ھۇجۇم قىلىشقايلا، غەلىبە قىلىشىدىلا. پەرۋەردىگار شەھەرنى قوللىرىغا تاپشۇرىدۇ، _ دەپلا قويدى ئۇ.
16لېكىن پادىشاھ:
_ مەن سېنى، پەرۋەردىگارنىڭ نامى بىلەن گەپ قىلغىنىڭدا راستچىل بول، دەپ قانچە قېتىم قەسەم قىلدۇرىمەن؟ _ دېدى.
17مىكايا:
_ مەن ئىسرائىلىيە قوشۇنلىرىنىڭ خۇددى ئىگىسىز قالغان قوي پادىسىدەك تاغقا تارقىلىپ كەتكەن كۆرۈنۈشنى كۆردۈم. پەرۋەردىگار مۇنداق دېگەن: «بۇ كىشىلەرنىڭ يېتەكچىسى يوق، ئۇلار ئۆز يۇرتىغا تىنچ-ئامان قايتسۇن!» _ دېدى.
18ئاخاب يىھوشافاتقا:
_ مەن ئۆزلىرىگە بۇ ئادەم مەن ھەققىدە ۋەھىي يەتكۈزگەندە، ياخشى گەپ قىلماي، ھامان يامان گەپ قىلىدۇ، دېمىگەنمىدىم؟ _ دېدى.
19مىكايا يەنە مۇنداق دېدى:
_ شۇڭا پەرۋەردىگارنىڭ سۆزىگە قۇلاق سالغايلا! مەن پەرۋەردىگارنىڭ تەختىدە ئولتۇرغىنىنى كۆردۈم. پۈتكۈل ساماۋى جامائەت ئۇنىڭ ئوڭ ۋە سول تەرىپىدە تۇراتتى. 20پەرۋەردىگار: «ئاخابنىڭ جەڭدە ئۆلۈشى ئۈچۈن ئۇنى راموتقا بېرىشقا كىم ئازدۇرىدۇ؟» دەپ سورىدى. بەزىلەر بۇنداق دېسە، بەزىلەر ئۇنداق دېدى. 21كېيىن بىر روھ چىقىپ، پەرۋەردىگارنىڭ ئالدىدا تۇرۇپ، «مەن ئازدۇرىمەن» دېدى. پەرۋەردىگار ئۇنىڭدىن «قانداق ئازدۇرىسەن؟» دەپ سورىدى. 22ھېلىقى روھ «مەن ئاخابنىڭ پۈتۈن پەيغەمبەرلىرىنى يالغان ئېيتقۇزىمەن» دېدى. پەرۋەردىگار ئۇنىڭغا «بارغىن، ئۇنى ئازدۇرساڭ، چوقۇم ئازدۇرالايسەن» دېدى.
23مىكايا ئەڭ ئاخىرىدا:
_ ئىشنىڭ جەريانى مانا شۇنداق، پەرۋەردىگار سىلىنىڭ پەيغەمبەرلىرىنىڭ ھەممىسىنى ئۆزلىرىگە يالغان ئېيتقۇزدى. ئەمەلىيەتتە ئۇ سىلىگە بالايىئاپەت ياغدۇرىدىغانلىقىنى جاكارلىدى! _ دېدى.
24شۇنىڭ بىلەن كىنائاننىڭ ئوغلى زىدقىيا مىكايانىڭ ئالدىغا بېرىپ، ئۇنى بىر كاچات ئۇرۇپ، ئۇنىڭدىن:
_ پەرۋەردىگارنىڭ روھى قانداقلارچە مەندىن ئايرىلىپ، ساڭا سۆز قىلىدۇ؟ _ دەپ سورىدى.
25_ بىر كۈنى سەن بىر ئۆينىڭ ئەڭ ئىچكىرىسىدىكى خانىسىغا يوشۇرۇنۇشقا مەجبۇر بولىسەن، شۇ كۈنى بىلىسەن، _ دەپ جاۋاب بەردى مىكايا.
26شۇنىڭ بىلەن ئاخاب ئەمەلدارغا مىكايانى تۇتۇپ، شەھەر ھاكىمى ئامون بىلەن شاھزادە يوئاشنىڭ ئالدىغا ئېلىپ بېرىشنى بۇيرۇپ، 27ئەمەلدارغا:
_ ئۇلارغا: «پادىشاھ مۇنداق پەرمان قىلىدۇكى، ماۋۇنى زىندانغا تاشلاپ، مەن ئامان-ئېسەن قايتىپ كەلگۈچە، ئۇنىڭغا جېنىنى ساقلىغۇدەكلا نان بىلەن سۇ بېرىڭلار» دېگىن، _ دەپ بۇيرۇدى.
28_ ئەگەر ئامان-ئېسەن قايتىپ كەلسىلە، بۇ پەرۋەردىگارنىڭ مەن ئارقىلىق سۆزىنى يەتكۈزمىگەنلىكىنى بىلدۈرىدۇ، _ دېدى مىكايا، _ ھەربىرلىرى سۆزۈمنى ئەسلىرىدە تۇتۇشقايلا.
29ئىسرائىلىيە پادىشاھى ئاخاب بىلەن يەھۇدىيە پادىشاھى يىھوشافات گىلئادتىكى راموت شەھىرىگە قارشى جەڭگە ئاتلاندى. 30ئاخاب يىھوشافاتقا:
_ بىز جەڭگاھقا چىققاندا، مەن قىياپىتىمنى ئۆزگەرتىۋالاي، سىلى شاھانە تونلىرىنى كىيىۋەرسىلە، _ دېدى.
شۇنداق قىلىپ ئاخاب قىياپىتىنى ئۆزگەرتىپ جەڭگە كىردى. 31ئاررام پادىشاھى 32 نەپەر ھارۋىلىق لەشكەر باشلىقلىرىغا: «سىلەر ئىسرائىلىيەنىڭ چوڭ-كىچىك لەشكەرلىرى بىلەن جەڭ قىلىپ يۈرمەي، ھۇجۇمنىڭ ئۇچىنى ئىسرائىلىيە پادىشاھىغا قارىتىڭلار» دەپ بۇيرۇغانىدى. 32شۇڭا ئۇلار يىھوشافاتنى كۆرگەندە، ئۇنى جەزمەن ئىسرائىلىيە پادىشاھى دەپ ئويلاپ، ھەممىسى بۇرۇلۇپ، ئۇنىڭغا ھۇجۇم قىلىشتى. يىھوشافات قورقۇپ ۋارقىرىۋەتتى. 33شۇندىلا ئۇلار ئۇنىڭ ئىسرائىلىيە پادىشاھى ئەمەسلىكىنى بىلىپ، ئۇنى قوغلىماي كېتىپ قېلىشتى. 34بىراق، بىر ئاررام لەشكىرى تاسادىپىي بىر ئوق ئېتىۋىدى، ئۇ ئوق دەل ئىسرائىلىيە پادىشاھى ئاخابنىڭ قاسراقسىمان ساۋۇتى ياپالمىغان يېرىگە تەگدى. ئاخاب جەڭ ھارۋىسىنى ھەيدىگۈچىسىگە ۋارقىراپ:
_ مەن يارىلاندىم، كەينىڭگە قايتىپ، جەڭدىن چېكىن! _ دېدى.
35ئۇ كۈنى جەڭ شىددەتلىك بولغاچقا، پادىشاھ بىرەيلەننىڭ يۆلىشى بىلەن ھارۋىسىدا قېلىپ، ئارراملارغا يۈزلىنىپ ئولتۇردى. يارىسىدىن ئاققان قان ھارۋىنىڭ تېگىگە ئېقىپ چۈشتى. ئۇ كەچ بولاي دېگەندە جان ئۈزدى. 36كۈن پاتقاندا ئىسرائىلىيە قوشۇنى ئارىسىدىن: «ھەممە ئادەم ئۆز ماكانىغا، ئۆز يۇرتىغا قايتسۇن!» دېگەن چاقىرىق ئاڭلاندى.
37شۇنداق قىلىپ ئاخاب پادىشاھ ئالەمدىن ئۆتتى. ئۇنىڭ جەسىتى سامارىيەگە ئېلىپ بېرىلىپ، ئۇ يەردە دەپنە قىلىندى. 38ئۇلار ئۇنىڭ جەڭ ھارۋىسىنى سامارىيەدىكى پاھىشىلەر سۇغا چۈشىدىغان كۆلچەكتە يۇيۇپ تازىلاۋاتقاندا، خۇددى پەرۋەردىگارنىڭ ئېيتقىنىدەك، ئىتلار كېلىپ ئۇنىڭ قېنىنى يالىدى.
39ئاخاب پادىشاھنىڭ باشقا ئىش-ئىزلىرى ۋە بارلىق پائالىيەتلىرى، بولۇپمۇ ئۇنىڭ پىل چىشىدىن بېزىگەن ئوردىسى ۋە كېڭەيتىپ قۇرغان نۇرغۇن شەھەرلىرى ھەققىدىكى خاتىرىلەر «ئىسرائىلىيە پادىشاھلىرىنىڭ تەزكىرىلىرى»گە پۈتۈلگەن. 40ئاخاب ئاتا-بوۋىلىرىنىڭ قېشىغا كەتتى. ئۇنىڭ ئوغلى ئاخازيا ئۇنىڭ تەختىگە ۋارىسلىق قىلدى.
41ئىسرائىلىيە پادىشاھى ئاخابنىڭ ھۆكۈمرانلىقىنىڭ تۆتىنچى يىلى ئاسانىڭ ئوغلى يىھوشافات يەھۇدىيەگە پادىشاھ بولدى. 42ئۇ تەختكە چىققان چاغدا 35 ياش ئىدى. ئۇ يېرۇسالېمدا 25 يىل ھۆكۈمرانلىق قىلدى. ئۇنىڭ ئانىسى شىلخىنىڭ قىزى ئازۇبا ئىدى. 43ئۇ پۈتۈنلەي ئاتىسى ئاسا ماڭغان يولدا مېڭىپ، ھېچ ياققا ئېغىشماي، پەرۋەردىگارنىڭ نەزىرىدە دۇرۇس بولغان ئىشلارنى قىلدى. بىراق سەجدىگاھلار يوقىتىۋېتىلمىدى. خالايىق يەنىلا ئۇ يەرلەردە قۇربانلىق قىلىش ۋە ئىسرىق سېلىشنى داۋاملاشتۇردى. 44يىھوشافات ئىسرائىلىيە پادىشاھى بىلەن تىنچ ئۆتتى.
45يىھوشافات پادىشاھنىڭ باشقا ئىش-ئىزلىرى، جۈملىدىن ئۇنىڭ قولغا كەلتۈرگەن نەتىجىلىرى ۋە قىلغان ئۇرۇشلىرى «يەھۇدىيە پادىشاھلىرىنىڭ تەزكىرىلىرى»گە پۈتۈلگەن. 46ئۇ سەجدىگاھلاردىكى ئاتىسى ئاسانىڭ زامانىدىن قېلىپ قالغان ئەر-ئايال پاھىشىلەرنى زېمىنىدىن يوقاتتى.
47ئۇ چاغلاردا ئىدومدا پادىشاھ يوق ئىدى. يەھۇدىيە پادىشاھى ئۇ يەرنى ئىدارە قىلىشقا بىر ۋالىي تەيىنلىدى. 48يەھۇدىيە پادىشاھى يىھوشافات ئوفىر زېمىنىدىن ئالتۇن ئەكېلىش ئۈچۈن ئۇزۇن يوللۇق كاتتا كېمىلەرنى ياساتتى، لېكىن كېمىلەر ئەزيون-گەبەردىن چىقماي تۇرۇپلا پارچىلىنىپ كەتكەنلىكتىن ئۇ يەرگە بارالمىدى. 49بىر مەزگىلدىن كېيىن ئاخابنىڭ ئوغلى ئىسرائىلىيە پادىشاھى ئاخازيا ئۆز ئادەملىرىنى يىھوشافات پادىشاھنىڭ ئادەملىرى بىلەن بىللە كېمىدە بېرىش توغرىسىدا تەكلىپ بەرگەنىدى، بىراق يىھوشافات قوشۇلمىدى.
50يىھوشافات ئاتا-بوۋىلىرىنىڭ قېشىغا كەتتى. ئۇ ئۇلارنىڭ يېنىغا، يەنى ئەجدادى داۋۇتنىڭ نامىدا ئاتالغان «داۋۇت شەھىرى»گە دەپنە قىلىندى. ئوغلى يىھورام ئۇنىڭ تەختىگە ۋارىسلىق قىلدى.
51يەھۇدىيە پادىشاھى يىھوشافاتنىڭ ھۆكۈمرانلىقىنىڭ 17-يىلى ئاخابنىڭ ئوغلى ئاخازيا ئىسرائىلىيەگە پادىشاھ بولدى. ئۇ سامارىيەدە ئىككى يىل ھۆكۈمرانلىق قىلدى. 52ئۇ پەرۋەردىگارنىڭ نەزىرىدە يامان بولغان ئىشلارنى قىلىپ، ئاتىسى ئاخاب ۋە ئانىسى ئىزەبەلنىڭ ئىزىنى بېسىپ، ئىسرائىللارنى گۇناھكار قىلغان نىباتنىڭ ئوغلى ياروبئامنىڭ يولىدا ماڭدى. 53ئۇ پۈتۈنلەي ئاتىسىغا ئوخشاش بائالغا چوقۇنۇپ ۋە خىزمەت قىلىپ، ئىسرائىللارنى تاللىغان پەرۋەردىگار خۇدانىڭ غەزىپىنى قوزغىدى.