1ھەزرىتى ئەيسا ئۇ يەردىن ئايرىلىپ، ئۆز يۇرتىغا قايتتى. شاگىرتلىرىمۇ ئۇنىڭ بىلەن بىللە ئىدى. 2دەم ئېلىش كۈنى، ھەزرىتى ئەيسا ئىبادەتخانىدا تەلىم بېرىشكە باشلىدى. ئۇنىڭ سۆزلىرىنى ئاڭلىغان جامائەت ھەيران بولۇشۇپ:
_ بۇ ئادەم بۇلارنى نەدىن ئۆگەنگەندۇ؟ ئۇنىڭغا بۇنچىۋالا ئەقىل-پاراسەتنى كىم بەرگەندۇ؟ بۇ مۆجىزىلەرنى قانداق يارىتىدىغاندۇ؟ 3ئۇ پەقەت ئاددىي بىر ياغاچچىغۇ؟ مەريەم ئۇنىڭ ئانىسى، ياقۇپ، يوسە، يەھۇدا ۋە سىمۇن ئۇنىڭ قېرىنداشلىرى ئەمەسمۇ؟ سىڭىللىرى بۇ يەردە ئۆز ئىچىمىزدىغۇ؟ _ دېيىشەتتى. شۇنىڭ بىلەن، ئۇلار ئۇنى رەت قىلدى.
4ھەزرىتى ئەيسا ئۇلارغا:
_ پەيغەمبەر ئۆز يۇرتى، ئۆز ئۇرۇق-تۇغقانلىرى ئارىسىدا ۋە ئۆز ئۆيىدە ھۆرمەتكە سازاۋەر بولمايدۇ، _ دېدى. 5شۇڭا، ھەزرىتى ئەيسا ئۇ يەردە بىرقانچە بىمارنى ئۇلارنىڭ ئۇچىسىغا قوللىرىنى تەگكۈزۈپ ساقايتقاندىن باشقا، ھېچقانداق مۆجىزە كۆرسىتىشنى توغرا تاپمىدى. 6ئۇ بۇ كىشىلەرنىڭ ئېتىقادسىزلىقىدىن ھەيران قالدى.
كېيىن، ھەزرىتى ئەيسا ئەتراپتىكى يېزا-كەنتلەرنى ئايلىنىپ تەلىم بېرىۋاتاتتى.
7ئۇ ئون ئىككى شاگىرتىنى يېنىغا چاقىرىپ، ئۇلارغا جىنلارنى ھەيدەش ھوقۇقىنى بەردى ۋە خەلق ئارىسىغا ئىككى-ئىككىدىن ئەۋەتتى. 8ھەم ئۇلارغا سەپەردە يېنىغا ھاسىدىن باشقا نەرسە ئېلىۋالماسلىق، نە نان، نە خۇرجۇن كۆتۈرمەسلىك، پۇلمۇ سېلىۋالماسلىقنى ئېيتتى. 9پۇتىغا ئاياغ كىيىشكە ئىجازەت بەردى، بىراق بىرەر ئارتۇق كۆڭلەك ئېلىۋالماسلىقنى بۇيرۇدى. 10ئۇ يەنە:
_ بىر يۇرتقا بارغىنىڭلاردا، قايسى ئائىلىدە قارشى ئېلىنساڭلار، ئۇ يەردىن كەتكۈچە شۇ ئائىلىدىلا تۇرۇڭلار. 11ئەگەر بىرەر يەردىكى كىشىلەر سىلەرنى قارشى ئالمىسا ۋە سۆزۈڭلارنى ئاڭلىمىسا، ئۇ يەردىن ئايرىلغىنىڭلاردا، ئۇلارنى ئاگاھلاندۇرۇش ئۈچۈن ئايىغىڭلاردىكى توپىنى قېقىۋېتىڭلار! _ دېدى.
12شۇنداق قىلىپ، شاگىرتلار يولغا چىقىپ، كىشىلەرنى گۇناھلىرىغا توۋا قىلىشقا ئۈندىدى. 13ئۇلار نۇرغۇن جىنلارنى ھەيدىدى، نۇرغۇن بىمارلارغا زەيتۇن يېغىنى سۈركەپ ساقايتتى.
14ھىرود خان ھەزرىتى ئەيسا ھەققىدىكى ھەممە ئىشلاردىن خەۋەر تاپتى، چۈنكى ھەزرىتى ئەيسانىڭ داڭقى ھەممە يەرگە پۇر كەتكەنىدى. بەزىلەر: «بۇ ئادەم ئۆلۈمدىن تىرىلگەن چۆمۈلدۈرگۈچى يەھيا بولسا كېرەك. ئۇنىڭ پەۋقۇلئاددە قۇدرەتلەرگە ئىگە بولغانلىقىنىڭ سەۋەبى ئەنە شۇ» دېيىشەتتى. 15بەزىلەر: «ئۇ ئىلياس پەيغەمبەر» دېسە، يەنە بەزىلەر: «بۇرۇنقى پەيغەمبەرلەردەك بىر پەيغەمبەر بولسا كېرەك» دېيىشەتتى.
16بۇلارنى ئاڭلىغان ھىرود خان:
_ مەن كاللىسىنى ئالدۇرغان يەھيا تىرىلىپتۇ! _ دېدى. 17-18ھىرودنىڭ بۇنداق دېيىشىنىڭ سەۋەبى، ئۇ ئۆگەي ئاكىسى فىلىپنىڭ ئايالى ھىرودىيەنى تارتىۋالغاندا، ئۇ ئايالنىڭ تەلىپى بىلەن يەھيانى تۇتقۇن قىلىپ، زىندانغا تاشلىغانىدى. چۈنكى، يەھيا ھىرودقا: «ئاكاڭنىڭ ئايالىنى تارتىۋېلىشىڭ تەۋرات قانۇنىغا خىلاپتۇر» دەپ كەلگەنىدى.
19ھىرودىيە شۇ ۋەجىدىن يەھيا پەيغەمبەرگە ئۆچمەنلىك ساقلاپ، ئۇنى ئۆلتۈرۈۋەتمەكچى بولسىمۇ، لېكىن ئەمەلگە ئاشۇرالمىغانىدى. 20چۈنكى، يەھيا پەيغەمبەرنىڭ دۇرۇس ۋە خۇداغا ئاتالغان بىر ئادەم ئىكەنلىكىنى بىلىدىغان ھىرود خان ئۇنىڭدىن قورقاتتى ۋە ئۇنى مۇھاپىزەت قىلاتتى. ھىرود يەھيا پەيغەمبەرنىڭ سۆزلىرىنى ئاڭلىغان چاغلىرىدا نېمە قىلىشنى بىلەلمەي قالاتتى. بىراق، ئۇنىڭ سۆزلىرىنى يەنىلا قىزىقىپ ئاڭلايتتى.
21ھىرودىيە كۈتكەن پۇرسەت ئاخىر يېتىپ كەلدى. ھىرود ئۆزىنىڭ تۇغۇلغان كۈنىنى خاتىرىلەش ئۈچۈن كاتتا زىياپەت ئۆتكۈزۈپ، قول ئاستىدىكى ئەمەلدارلار، قوماندانلار ۋە جەلىلىيە ئۆلكىسىدىكى يۇرت كاتتىلىرىنى كۈتۈۋالدى. 22ھىرودىيەنىڭ بۇرۇنقى ئېرىدىن بولغان قىزى كىرىپ ئۇسسۇل ئويناپ بەردى. بۇ ھىرود بىلەن مېھمانلارغا بەكمۇ يېقىپ كەتتى. ھىرود خان قىزغا:
_ مەندىن نېمە تەلەپ قىلسىڭىز، شۇنى بېرىمەن، _ دېدى. 23ئارقىدىنلا ئۇ قەسەم قىلىپ يەنە:
_ مەندىن نېمە تەلەپ قىلسىڭىز، ھەتتا خانلىقىمنىڭ يېرىمىنى دېسىڭىزمۇ مەرھەمەت، _ دېدى.
24قىز تاشقىرىغا چىقىپ، ئانىسىدىن:
_ نېمە تەلەپ قىلاي؟ _ دەپ سورىدى.
_ چۆمۈلدۈرگۈچى يەھيانىڭ كاللىسىنى تەلەپ قىل، _ دېدى ئانىسى.
25قىز شۇئان ھىرود خاننىڭ ئالدىغا يۈگۈرۈپ كىرىپ:
_ چۆمۈلدۈرگۈچى يەھيانىڭ كاللىسىنى دەرھال بىر تەخسىگە قويۇپ كەلتۈرۈشىڭىزنى تەلەپ قىلىمەن، _ دېدى.
26ھىرود خان بۇنىڭغا ناھايىتى ئوڭايسىزلانغان بولسىمۇ، مېھمانلارنىڭ ئالدىدا قىلغان قەسىمى تۈپەيلىدىن، قىزنىڭ تەلىپىنى رەت قىلىشنى راۋا كۆرمىدى. 27ئۇ دەرھال بىر جاللات ئەۋەتىپ، يەھيا پەيغەمبەرنىڭ كاللىسىنى ئېلىپ كېلىشنى بۇيرۇدى. جاللات زىندانغا بېرىپ يەھيا پەيغەمبەرنىڭ كاللىسىنى ئېلىپ، 28ئۇنى بىر تەخسىگە قويۇپ، قىزنىڭ ئالدىغا ئېلىپ كەلدى. قىز ئۇنى ئانىسىغا تاپشۇردى. 29بۇنىڭدىن خەۋەر تاپقان يەھيا پەيغەمبەرنىڭ شاگىرتلىرى كېلىپ، جەسەتنى ئېلىپ بېرىپ يەرلىككە قويدى.
30يېزا-قىشلاقلارغا ئەۋەتىلگەن ئەلچىلەر قايتىپ كېلىپ، ھەزرىتى ئەيسانىڭ ئالدىغا يىغىلدى ۋە قىلغان ئىشلىرى ھەم بەرگەن تەلىملىرىنى ئۇنىڭغا مەلۇم قىلىشتى. 31كېلىپ-كېتىۋاتقانلار ناھايىتى كۆپ بولغانلىقتىن، ھەزرىتى ئەيسا ۋە شاگىرتلارغا غىزالىنىشقىمۇ ۋاقىت چىقمىدى. شۇڭا، ھەزرىتى ئەيسا ئۇلارغا:
_ يۈرۈڭلار، مەن بىلەن خىلۋەت بىر جايغا بېرىپ، بىر دەم ئارام ئېلىڭلار، _ دېدى. 32بۇنىڭ بىلەن، ئۇلار كېمىگە چۈشۈپ، خىلۋەت بىر يەرگە قاراپ يول ئالدى. 33بىراق، ئۇلارنىڭ كېتىۋاتقانلىقىنى كۆرگەن بىرمۇنچە كىشىلەر ئۇلارنى تونۇۋالغانىدى. خالايىق ئەتراپتىكى پۈتۈن يېزىلاردىن بەس-بەس بىلەن پىيادە يولغا چىقىپ، ئۇلاردىن بۇرۇن ئۇ يەرگە يېتىپ بېرىشتى. 34ھەزرىتى ئەيسا كېمىدىن چۈشۈپ، نۇرغۇن خالايىقنى كۆردى. قويچىسىز قوي پادىسىغا ئوخشايدىغان بۇ ئىنسانلارغا ئىچ ئاغرىتتى ۋە ئۇلارغا كۆپ نەرسىلەرنى ئۆگىتىشكە باشلىدى.
35ۋاقىت بىر يەرگە بېرىپ قالغانىدى. شاگىرتلىرى ھەزرىتى ئەيسانىڭ ئالدىغا كېلىپ:
_ بۇ خىلۋەت بىر جاي ئىكەن، كەچ كىرىپ كەتتى. 36خالايىقنى تارقىتىۋەتكەن بولسىڭىز، ئۇلار ئەتراپتىكى يېزا-قىشلاقلارغا بېرىپ، ئۆزلىرىگە يەيدىغان بىر نەرسە سېتىۋالسۇن، _ دېدى.
37لېكىن، ھەزرىتى ئەيسا:
_ ئۇلارغا ئۆزۈڭلار تاماق بېرىڭلار، _ دېدى.
شاگىرتلار ھەزرىتى ئەيسادىن:
_ يېرىم يىللىق كىرىمنى خەجلەپ، ئۇلارغا نان ئەكېلىپ ئۈلەشتۈرۈپ بېرەمدۇق؟ _ دەپ سورىدى.
38_ قانچە نېنىڭلار بار؟ قاراپ بېقىڭلار، _ دېدى ھەزرىتى ئەيسا ئۇلارغا. ئۇلار تەكشۈرۈپ كەلگەندىن كېيىن:
_ بىزدە بەش نان بىلەن ئىككى بېلىق بار ئىكەن، _ دېيىشتى.
39ھەزرىتى ئەيسا ئۇلارغا خالايىقنى توپ-توپ قىلىپ يېشىل چىملىقتا ئولتۇرغۇزۇشنى بۇيرۇدى. 40خالايىق يۈزدىن، ئەللىكتىن بولۇپ ئولتۇرۇشتى. 41ھەزرىتى ئەيسا بەش نان بىلەن ئىككى بېلىقنى قولىغا ئېلىپ، ئاسمانغا قاراپ خۇداغا شۈكۈر ئېيتتى. ئاندىن، نانلارنى ئوشتۇپ، كۆپچىلىككە تارقىتىپ بېرىش ئۈچۈن شاگىرتلىرىغا بەردى. ئىككى بېلىقنىمۇ شۇنداق قىلدى. 42ھەممەيلەن يەپ تويدى. 43شاگىرتلار ئېشىپ قالغان نان ۋە بېلىق پارچىلىرىنى لىق ئون ئىككى سېۋەتكە يىغىۋالدى. 44تاماق يېگەن ئەرلەرنىڭ سانىلا بەش مىڭ ئىدى.
45بۇنىڭ كەينىدىنلا، ھەزرىتى ئەيسا شاگىرتلىرىنىڭ كېمىگە ئولتۇرۇپ، ئۆزىدىن ئاۋۋال كۆلنىڭ ئۇ قېتىدىكى بەيتسايدا يېزىسىغا ئۆتۈشىنى بۇيرۇدى. بۇ ئارىدا ئۆزى خالايىقنى تارقىتىۋەتتى. 46ئۇلارنى ئۇزاتقاندىن كېيىن، دۇئا-تىلاۋەت قىلىش ئۈچۈن تاغقا چىقتى.
47كەچقۇرۇن، كېمە كۆلنىڭ ئوتتۇرىسىغا بارغانىدى. قۇرۇقلۇقتا ئۆزى يالغۇز قالغان ھەزرىتى ئەيسا 48شاگىرتلىرىنىڭ پالاقنى ناھايىتى تەستە ئۇرۇۋاتقانلىقىنى كۆردى، چۈنكى قارشى تەرەپتىن شامال چىقىۋاتاتتى. تاڭ ئېتىشقا ئاز قالغاندا، ھەزرىتى ئەيسا كۆلنىڭ ئۈستىدە مېڭىپ، شاگىرتلىرى تەرەپكە كەلدى ۋە ئۇلارنىڭ يېنىدىن ئۆتۈپ كەتمەكچى بولدى. 49شاگىرتلار ھەزرىتى ئەيسانىڭ كۆلنىڭ ئۈستىدە مېڭىپ كېلىۋاتقانلىقىنى كۆرۈپ، ئۇنى ئالۋاستى، دەپ ئويلاپ ۋارقىرىشىپ كەتتى. 50ھەممەيلەن ئۇنى كۆرۈپ ئىنتايىن ئالاقزادە بولۇشقانىدى.
لېكىن، ھەزرىتى ئەيسا دەرھال ئۇلارغا:
_ خاتىرجەم بولۇڭلار، بۇ مەن، قورقماڭلار! _ دېدى.
51ھەزرىتى ئەيسا كېمىگە چىقىپ ئۇلارغا قوشۇلغاندا، شامال توختىدى. شاگىرتلار بۇنىڭدىن ئىنتايىن ھەيران قېلىشتى. 52چۈنكى، ئۇلار نان توغرىسىدىكى مۆجىزىنى تېخىچە چۈشەنمىگەنىدى، ئۇلارنىڭ ئەقلى بولسا بىخۇدلىشىپ كەتكەنىدى.
53ھەزرىتى ئەيسا بىلەن شاگىرتلىرى كۆلنىڭ قارشى قېتىغا بېرىشىدا، گىنەسار دېگەن يەردە قۇرۇقلۇققا چىقىپ كېمىنى باغلىدى. 54ئۇلار كېمىدىن چۈشۈشى بىلەنلا، خەلق ھەزرىتى ئەيسانى تونۇۋالدى. 55ئۇلار يۈگۈرۈشۈپ يۈرۈپ، بۇ خەۋەرنى ئەتراپتىكى جايلارغا يەتكۈزدى. ھەزرىتى ئەيسا قەيەردە بولسا، كىشىلەر بىمارلارنى زەمبىلگە سېلىپ، شۇ يەرگە ئېلىپ بېرىشتى. 56ھەزرىتى ئەيسا مەيلى يېزا، مەيلى شەھەر ياكى قىشلاققا بارسۇن، خالايىق بىمارلارنى ئاساسلىق كوچىلارغا ئېلىپ چىقىپ ياتقۇزۇپ، ھەزرىتى ئەيسادىن بىمارلارنىڭ ھېچبولمىغاندا ئۇنىڭ تونىنىڭ پېشىگە بولسىمۇ قولىنى تەگكۈزۈۋېلىشىغا رۇخسەت قىلىشىنى سوراپ يالۋۇراتتى. ئۇنىڭغا قولىنى تەگكۈزگەنلەرنىڭ ھەممىسى ساقايدى.