1باش روھانىي ئىستىپاندىن:
_ ئۇلارنىڭ ئەرزلىرى راستمۇ؟ _ دەپ سورىدى.
2ئىستىپان مۇنداق جاۋاب بەردى:
_ ئاتىلار ۋە ئاكا-ئۇكىلار، سۆزۈمگە قۇلاق سېلىڭلار! ئەجدادىمىز ئىبراھىم تېخى مېسوپوتامىيە رايونىدىن ھاران شەھىرىگە كۆچۈپ بارمىغان ۋاقىتتا، شانۇشەۋكەتلىك خۇدا ئۇنىڭغا كۆرۈنۈپ: 3«سەن ئۆز يۇرتۇڭ ۋە ئۇرۇق-جەمەتىڭدىن ئايرىلىپ، مەن كۆرسەتمەكچى بولغان يەرگە بارغىن» دېگەنىدى. 4بۇنىڭ بىلەن، ئەجدادىمىز ئىبراھىم كالدانلارنىڭ زېمىنى بولغان ئۆز يۇرتىنى تاشلاپ، ھاران شەھىرىگە بېرىپ ئورۇنلاشتى. ئاتىسى ئۆلگەندىن كېيىن، خۇدا ئۇنى بۇ جايغا، يەنى سىلەر ھازىر تۇرۇۋاتقان جايغا يۆتكەپ كەلدى. 5ئۇ ۋاقىتتا، خۇدا ئۇنىڭغا تەۋە بىر غېرىچمۇ يەر بەرمىگەنىدى. بىراق، ئىبراھىمنىڭ تېخىچە پەرزەنتى بولمىغان بولسىمۇ، خۇدا ۋەدە قىلىپ، بۇ زېمىننى ئۇنىڭغا ۋە ئۇنىڭ ئەۋلادلىرىغا بەرمەكچى بولدى. 6خۇدا ئەجدادىمىز ئىبراھىمغا مۇنداق دېدى: «سېنىڭ ئەۋلادلىرىڭ مەلۇم بىر چەت دۆلەتتە مۇساپىرلىقتا تۆت يۈز يىل قۇل بولۇپ خورلۇقتا ياشايدۇ. 7بىراق، ئۇلارنى قۇل قىلغان خەلققە جازا بېرىمەن. ئۇنىڭدىن كېيىن، ئەۋلادلىرىڭ ئۇ يەردىن چىقىپ، بۇ يەردە ماڭا ئىبادەت قىلىدۇ.»
8كېيىن، خۇدا ئىبراھىمغا: «سەن بىلەن تۈزگەن ئەھدەمنىڭ بەلگىسى خەتنە قىلىش بولسۇن» دېدى. ئەجدادىمىز ئىبراھىمدىن ئىسھاق تۆرەلدى. ئۇ تۇغۇلۇپ سەككىزىنچى كۈنى، خەتنىسى قىلىندى. ئىسھاقتىن ئىسرائىللارنىڭ ئاتىسى بولغان ياقۇپ تۆرەلدى. ياقۇپتىن ئىسرائىللارنىڭ ئون ئىككى قەبىلىسىنىڭ بوۋىلىرى بولغان ئون ئىككى ئوغۇل تۆرەلدى. ئۇلارنىڭمۇ خەتنىسى قىلىندى.
9كېيىن، ئەجدادىمىز ياقۇپنىڭ ئوغۇللىرى ئىنىسى يۈسۈپتىن ھەسەت قىلىپ، ئۇنى مىسىرغا بارىدىغان سودىگەرلەرگە قۇل ئورۇندا سېتىۋەتتى. لېكىن، خۇدا ئۇنىڭ بىلەن بىللە بولغاچقا، 10ئۇنى پۈتۈن تارتقان قىيىنچىلىقىدىن قۇتقۇزۇپ، ئۇنىڭغا دانىشمەنلىك ئاتا قىلىپ، مىسىر پادىشاھىنىڭ ھۆرمىتىگە ئېرىشتۈردى. پادىشاھ ئۇنى مىسىرغا باش ۋەزىر ۋە ئوردىنىڭ باش غوجىدارى قىلدى. 11كېيىن، پۈتۈن مىسىر ۋە كەنئان يەرلىرىدە ئېغىر ئاچارچىلىق يۈز بېرىپ، زور ئاپەت بولدى. ئەجدادلىرىمىز ئوزۇق-تۈلۈكسىز قالدى. 12مىسىرنىڭ ئامبىرىدا ئاشلىق بارلىقىنى ئاڭلىغان ياقۇپ ئوغۇللىرىنى، يەنى ئەجدادلىرىمىزنى ئۇ يەرگە ئەۋەتتى. بىرىنچى قېتىم بارغاندا، ئۇلار ئىنىمىز يۈسۈپ ئۆلگەن دەپ، ئۇنى تونۇمىغانىدى. 13شۇڭا، ئىككىنچى قېتىم بارغاندا، ئەجدادىمىز يۈسۈپ ئاكىلىرىغا ئۆزىنىڭ كىم ئىكەنلىكىنى ئاشكارىلىدى. ئۇلارنىمۇ پادىشاھقا تونۇشتۇردى. 14شۇنىڭ بىلەن، ئەجدادىمىز يۈسۈپ ئاتىسى _ ئەجدادىمىز ياقۇپنىڭ ئالدىغا ئاكىلىرىنى ئەۋەتىپ، ئۇنى پۈتۈن ئائىلە-جەمەتى بىلەن، جەمئىي يەتمىش بەش كىشىنى مىسىرغا تەكلىپ قىلدى. 15ئەجدادىمىز ياقۇپ مىسىرغا بېرىپ، كېيىن ئەۋلادلىرى بىلەن شۇ يەردە ئالەمدىن ئۆتتى. 16ئۇلارنىڭ جەسەتلىرى شەكەم شەھىرىگە قايتۇرۇلۇپ، ئەجدادىمىز ئىبراھىم بۇرۇن ھامۇرنىڭ ئوغۇللىرىدىن سېتىۋالغان يەرلىككە قويۇلدى.
17خۇدا ئەجدادىمىز ئىبراھىمغا: «سېنىڭ ئەۋلادلىرىڭنى قۇللۇقتىن ئازاد قىلىمەن» دېگەن ۋەدىسىنى ئەمەلگە ئاشۇرىدىغان ۋاقىت يېتىپ كېلىشكە ئاز قالغاندا، مىسىردىكى يەھۇدىيلارنىڭ نوپۇسى خېلى كۆپەيگەنىدى. 18ئۇ ۋاقىتتا، ئەجدادىمىز يۈسۈپنىڭ مىسىر خەلقىگە قىلغان ياخشى ئىشلىرىدىن خەۋىرى بولمىغان يېڭى بىر پادىشاھ مىسىردا تەختكە چىقتى. 19بۇ پادىشاھ ئەجدادلىرىمىزنى ھىيلە-مىكىرلەر بىلەن ئېزىپ خورلىدى، ھەتتا ئۇلارنى ئۆز بوۋاقلىرىنى تاشلىۋېتىشكە مەجبۇر قىلدى. 20مۇسا پەيغەمبەر مانا شۇ چاغلاردا تۇغۇلغانىدى. ئۇ خۇدانىڭ نەزىرىدە ئالاھىدە بالا ئىدى. ئاتا-ئانىسى ئۇنى ئۆيدە ئۈچ ئاي باققاندىن كېيىن، 21سىرتقا تاشلىۋېتىشكە مەجبۇر بولدى. بىراق، پادىشاھنىڭ قىزى ئۇنى قۇتقۇزۇپ، ئۆز ئوغلى قىلىپ چوڭ قىلدى. 22مۇسا پەيغەمبەر مىسىرلىقلارنىڭ ئالىي بىلىملىرى بىلەن تەربىيىلىنىپ، سۆز قابىلىيىتى ۋە ئىش بېجىرىش ئىقتىدارىغا ئىگە ئادەم بولۇپ چىقتى.
23ئۇ قىرىق ياشلارغا كىرگەندە، ئۆز قېرىنداشلىرى بولغان يەھۇدىيلارنىڭ ھالىدىن خەۋەر ئېلىش قارارىغا كەلدى. 24ئۇ بىر مىسىرلىقنىڭ بىر يەھۇدىي قۇلنى سەۋەبسىزلا بوزەك قىلىۋاتقانلىقىنى كۆرۈپ، ئۇنى قوغداپ، يولسىزلىق قىلغان مىسىرلىقنى ئۆلتۈرۈپ، ئۇنىڭ ئىنتىقامىنى ئېلىپ بەردى. 25ئۇ، خۇدانىڭ مەن ئارقىلىق يەھۇدىيلارنى قۇتقۇزىدىغانلىقىنى يەھۇدىي قېرىنداشلىرىم چۈشىنىدىغۇ دەپ ئويلىغانىدى. لېكىن، ئۇلار بۇنى چۈشەنمىدى. 26ئەتىسى، مۇسا پەيغەمبەر ئىككى يەھۇدىي قېرىنداشنىڭ ئۇرۇشۇۋاتقانلىقىنى كۆرۈپ، ئۇلارنى ياراشتۇرماقچى بولۇپ: «سىلەر قېرىنداش تۇرۇپ، نېمىشقا بىر-بىرىڭلارغا يولسىزلىق قىلىسىلەر؟» دېدى.
27قېرىندىشىنى بوزەك قىلغان كىشى مۇسا پەيغەمبەرنى ئىتتىرىۋېتىپ: «كىم سېنى بىزگە باشلىق ياكى سوراقچى بولسۇن دەپتۇ!؟ 28مېنىمۇ تۈنۈگۈنكى مىسىرلىقنى ئۆلتۈرگەندەك ئۆلتۈرمەكچىمۇسەن؟» دېدى. 29مۇسا پەيغەمبەر بۇ سۆزلەرنى ئاڭلاپ، بۇ ئىشنى باشقىلارمۇ بىلىدىغان ئوخشايدۇ دەپ قورقۇپ، مىسىردىن مىديان رايونىغا قېچىپ باردى ۋە ئۇ يەردە مۇساپىر بولۇپ تۇرۇپ قېلىپ، ئىككى ئوغۇلغا ئاتا بولدى.
30قىرىق يىلدىن كېيىن، مۇسا پەيغەمبەرگە سىناي تېغىنىڭ يېنىدىكى چۆلدە كۆيۈۋاتقان تىكەنلىكنىڭ ئوت يالقۇنىدا بىر پەرىشتە كۆرۈندى. 31بۇ ھالنى كۆرگەن مۇسا پەيغەمبەر ئىنتايىن ھەيران بولۇپ، تېگى-تەكتىنى بىلىش ئۈچۈن تىكەنلىكنىڭ يېنىغا باردى. بۇ چاغدا، ئۇ خۇدانىڭ: 32«مەن سېنىڭ ئەجدادلىرىڭ ئىبراھىم، ئىسھاق ۋە ياقۇپ ئېتىقاد قىلىپ كەلگەن خۇدا بولىمەن» دېگەن ئاۋازىنى ئاڭلىدى. مۇسا پەيغەمبەر قورقۇنچتا تىترەپ، قاراشقىمۇ جۈرئەت قىلالمىدى. 33خۇدا ئۇنىڭغا يەنە: «سەن تۇرۇۋاتقان يەر مۇقەددەستۇر. شۇڭا، ئايىغىڭنى سېلىۋەت! 34مەن مىسىردىكى بەندىلىرىمنىڭ خارلىنىۋاتقانلىقىنى كۆردۈم. ئۇلارنىڭ نالە-پەريادلىرىنى ھەقىقەتەن ئاڭلىدىم. شۇڭا، مەن ئۇلارنى قۇتقۇزغىلى چۈشتۈم. ئەمدى بارغىن. مەن سېنى مىسىرغا ئەۋەتەي!» دېدى.
35مانا شۇ مۇسا پەيغەمبەرنى ھېلىقى يەھۇدىيلار: «كىم سېنى بىزگە باشلىق ياكى سوراقچى بولسۇن دەپتۇ!؟» دەپ رەت قىلغانىدى. لېكىن، مۇسا پەيغەمبەرگە خۇدانىڭ پەرىشتىسى كۆيۈۋاتقان تىكەنلىكتە كۆرۈنۈپ: «ئىسرائىل خەلقىنى قۇتقۇزۇپ، ئۇلارغا يېتەكچىلىك قىلىسەن» دەپ، ئۇنى مىسىرغا ئەۋەتتى. 36ئەنە شۇ مۇسا پەيغەمبەر خەلققە يېتەكچىلىك قىلىپ، ئۇلارنى مىسىردىن چىقارغانىدى ھەمدە مىسىردا قىزىل دېڭىزنىڭ بويىدا ۋە قىرىق يىلنى ئۆتكۈزگەن شۇ چۆللەردە غايەت زور مۆجىزە ۋە كارامەتلەرنى كۆرسەتكەنىدى. 37شۇ مۇسا پەيغەمبەر ئۆزى ئۇلارغا: «خۇدا قېرىنداشلىرىمىز ئارىسىدىن ماڭا ئوخشاش بىر پەيغەمبەرنى تىكلەيدۇ» دېگەنىدى. 38ئۇ چۆللەردە ئەجدادلىرىمىزغا باشچىلىق قىلغان ۋاقىتلاردا، سىناي تېغىدا خۇدانىڭ پەرىشتىسى ئۇنىڭغا يەنە كۆرۈنۈپ، سۆز قىلدى. مۇسا پەيغەمبەر ھاياتلىق بەخش ئېتىدىغان سۆزلەرنى ئاڭلاپ، ئۇنى ئەجدادلىرىمىزغا ۋە ئۇلار ئارقىلىق بىزگە يەتكۈزدى.
39شۇنداق بولسىمۇ، ئەجدادلىرىمىز مۇسا پەيغەمبەرنىڭ گېپىگە كىرمەي، ئۇنى رەت قىلىپ، كۆڭلىدە مىسىرغا قايتىشنى ئارزۇ قىلدى. 40مۇسا پەيغەمبەر سىناي تېغىدىن تېخى چۈشمىگەن ۋاقىتتا، ئۇلار ئۇنىڭ ئاكىسى ھارۇنغا: «بىزگە يول باشلايدىغان بۇتلار ياساپ بېرىڭ! بىزنى مىسىردىن ئېلىپ چىققان ھېلىقى مۇسانىڭ نېمە بولۇپ كەتكەنلىكىنى بىلەلمىدۇق» دېدى. 41شۇنىڭ بىلەن، ئۇلار موزاي سۈرىتىدە بىر بۇت ياساپ، ئۇنىڭغا ئاتاپ قۇربانلىق قىلىپ، سەجدە قىلدى. ئۆز قوللىرى بىلەن ياسىغان بۇ بۇتنى خۇشال-خۇراملىق بىلەن تەبرىكلەشتى. 42بۇنى كۆرگەن خۇدا ئەجدادلىرىمىزدىن نەزىرىنى يۆتكەپ، ئۇلارنى ئۆز ئىختىيارىغا قويۇپ بەردى. ئۇلار ئاسماندىكى يۇلتۇزلارغا چوقۇنۇشقا باشلىدى. شۇنىڭ بىلەن، پەيغەمبەرلەر مۇقەددەس يازمىلاردا خاتىرىلىگەندەك، خۇدا ئۇلارنى مۇنداق ئەيىبلىدى:
«ئەي ئىسرائىللار! سىلەر قىرىق يىل جەريانىدا چۆلدە قۇربانلىق قىلغىنىڭلاردا،
ماڭا ئەمەس، بەلكى ئۆز قوللىرىڭلار بىلەن ياسىغان بۇتلارغا،
43يەنى ‹مولەك›نىڭ چېدىرى ۋە ‹رىفان›نىڭ يۇلتۇز شەكىللىك سۈرىتىنى كۆتۈرۈپ مېڭىپ، ئۇلارغا سەجدە قىلدىڭلار!
شۇڭلاشقا، سىلەرنى بابىل شەھىرىنىڭ چەتلىرىگە قوغلاپ، سۈرگۈن قىلىمەن!»
44ئەجدادلىرىمىز چۆلدە ياشىغان ۋاقتىدا، ئەھدە چېدىرى دەپمۇ ئاتالغان ئىبادەت چېدىرى تىككەنىدى ۋە قەيەرگە بارسا ئۇنى ئۆزلىرى بىلەن بىللە يۆتكەپ، ئۇنىڭدا خۇداغا ئىبادەت قىلاتتى. ئىبادەت چېدىرى خۇدا مۇسا پەيغەمبەرگە كۆرسەتكەن نۇسخا بويىچە ياسالغانىدى. 45ئەجدادلىرىمىز ئىبادەت چېدىرىغا ئەۋلادمۇ ئەۋلاد ئىگىدارچىلىق قىلغان ۋە كېيىن يوشۇۋانىڭ يېتەكچىلىكىدە، خۇدا قوغلىغان مىللەتلەرنىڭ زېمىنلىرىنى بېسىۋېلىپ، ئىبادەت چېدىرىنى بۇ يەرگە ئېلىپ كەلگەن. ھەتتا پادىشاھ داۋۇتنىڭ زامانىغىچە شۇ چېدىردا خۇداغا ئىبادەت قىلغان. 46پادىشاھ داۋۇت خۇدانىڭ، يەنى ياقۇپ ئېتىقاد قىلىپ كەلگەن خۇدانىڭ شاپائىتىگە ئېرىشىپ، ئۇنىڭ ئۈچۈن بىر ئىبادەتخانا سېلىشقا ئۇنىڭ ئۆزىدىن ئىجازەت سورىغان. 47بىراق، خۇدا قوشۇلمىغان. كېيىن، پادىشاھ سۇلايمان خۇدا ئۈچۈن بىر ئىبادەتخانا سالغان.
48ھالبۇكى، ئۇلۇغ خۇدا ئادەم سالغان ئىبادەتخانىلاردا تۇرمايدۇ! يەشايا پەيغەمبەر ئارقىلىق خۇدا مۇنداق دېگەنىدى:
49-50«ئەرش مېنىڭ تەختىم بولىدۇ.
زېمىن مېنىڭ پۇت قويىدىغان يېرىمدۇر.
سىلەر ماڭا بۇنىڭدىنمۇ ياخشى خانا سالالامسىلەر!؟
بۇنىڭدىنمۇ ياخشى ئارامگاھ ياسىيالامسىلەر!؟
ئاسمان زېمىندىكى مەۋجۇداتلارنى مەن ياراتتىمغۇ!»
51ئىستىپان سۆزىنى ئاياغلاشتۇرۇپ:
_ ئەي، بوينى، يۈرىكى ۋە قۇلىقى قاتتىقلار! سىلەر خەتنە قىلىنمىغان كاپىرلارغا ئوخشاش جاھىل! سىلەر ئەجدادلىرىڭلارغا ئوخشاش، خۇدانىڭ مۇقەددەس روھىغا دائىم قارشىلىق قىلىۋاتىسىلەر! 52سىلەرنىڭ ئەجدادلىرىڭلار زىيانكەشلىك قىلمىغان بىرەر پەيغەمبەر بارمۇ-ھە؟! ئۇلار «خۇدانىڭ ئادالەتچىسى» بولغان ھەزرىتى ئەيسانىڭ كېلىدىغانلىقىنى ئالدىن جاكارلىغانلارنىمۇ ئۆلتۈرۈشكەن. ئەمدى ئۇ ئۆزى كەلگەندە، سىلەر ئۇنىڭغا ساتقۇنلۇق قىلىپ، ئۇنىمۇ ئۆلتۈردۈڭلار. 53ئەجەب ئىش-ھە! خۇدانىڭ قانۇنىنى پەرىشتىلەر ئۆزى سىلەرگە يەتكۈزگەن بولسىمۇ، سىلەر ئۇنىڭغا ئەمەل قىلمىدىڭلار! _ دېدى.
54ئىستىپاننىڭ بۇ سۆزلىرىنى ئاڭلىغان ئالىي كېڭەشمە ھەيئەتلىرى ئىنتايىن غەزەپلىنىپ، ئۇنىڭغا چىشلىرىنى غۇچۇرلاتتى. 55مۇقەددەس روھقا چۆمگەن ئىستىپان بولسا كۆزلىرىنى كۆككە تىكىپ، خۇدانىڭ پارلاق نۇرىنى ۋە ئۇنىڭ ئوڭ يېنىدا تۇرغان ھەزرىتى ئەيسانى كۆردى.
56_ قاراڭلار! ئاسمان ئېچىلىپ، ئىنسانئوغلى ھەزرىتى ئەيسانىڭ خۇدانىڭ ئوڭ يېنىدا تۇرغانلىقىنى كۆردۈم! _ دېدى ئۇ.
57بۇنى ئاڭلىغان ھەيئەتلەر قوللىرى بىلەن قۇلاقلىرىنى ئېتىۋېلىشىپ، چۇقان سېلىشتى ۋە ئېتىلىپ بېرىپ، 58ئۇنى شەھەرنىڭ سىرتىغا ئىتتىرىپ چىقىرىپ، چالما-كېسەك قىلىشقا باشلىدى. ئىستىپاننى گۇناھكار دەپ گۇۋاھلىق بەرگەنلەر ئۇنى چالما-كېسەك قىلىشتىن بۇرۇن، چاپانلىرىنى سائۇل ئىسىملىك بىر ياشنىڭ يېنىدا قويۇپ قويغانىدى. 59ئىستىپان يامغۇردەك يېغىۋاتقان تاشنىڭ ئاستىدا تۇرۇپ:
_ ئى رەببىم ئەيسا، مېنىڭ روھىمنى قوبۇل قىلغايسەن! _ دەپ ۋارقىرىدى.
60كېيىن، ئۇ تىزلىنىپ تۇرۇپ قاتتىق ئاۋاز بىلەن:
_ ئى رەببىم، بۇ گۇناھنى دەپ ئۇلارنى جازالىمىغايسەن، _ دېدى. ئۇ بۇ سۆزنى قىلىپ بولۇپلا جان ئۈزدى.