ئۇشبۇ خەتنىڭ مۇئەللىپى ئەلچى پاۋلۇس بولۇپ، ئۇ بۇ خەتنى تۈرمىدىكى ۋاقتىدا ئەفەس شەھىرىدىكى ئېتىقادچىلارغا يازغان. ئەفەس شەھىرى ئەينى ۋاقىتتىكى ئاسىيا ئۆلكىسىنىڭ (بۈگۈنكى تۈركىيىدە) مەركىزى ئىدى. پاۋلۇس بۇ شەھەردە خۇش خەۋەر يەتكۈزۈش ۋە تەلىم بېرىش خىزمىتى بىلەن ئىككى يىلدىن ئارتۇق تۇرغان («ئەلچىلەر» 19-باب 10-ئايەت).
مۇئەللىپ بۇ خېتىدە بىرەر ئالاھىدە خاتا تەلىم ئۈستىدە ئەمەس، بەلكى خۇدانىڭ مېھىر-شەپقىتى ئۈستىدە توختىلىپ، خۇدانىڭ ئىنسانلارغا ئاشكارىلىغان پىلانىنى تولۇق چۈشەندۈرگەن. مۇئەللىپ بىرىنچى بابتا بۇ پىلاننىڭ نىشانى، يەنى خۇدانىڭ ۋاقىت-سائىتى كەلگەندە پۈتكۈل مەۋجۇداتلارنى بىرلىكتە ئەيسا مەسىھنىڭ باشقۇرۇشىغا قويىدىغانلىقىنى تەكىتلىگەن. شۇنىڭ بىلەن بىرگە، ئىنسانلارنىڭ گۇناھلىرىنىڭ ئەيسا مەسىھ ئارقىلىق كەچۈرۈم قىلىنىدىغانلىقىنى ھەم كەچۈرۈم قىلىنغان ئادەملەرنىڭ قەلبىدىكى مۇقەددەس روھ ئۇلارنىڭ كەلگۈسىدىكى ئۈزۈل-كېسىل قۇتقۇزۇلۇشىغا كاپالەت بېرىدىغانلىقىنى كۆرسەتكەن.
ئۇ يەنە ئېتىقادچىلارنى ئۆزلىرىنىڭ خۇدانىڭ پەرزەنتلىرى ئىكەنلىكىنى ھەمدە جامائەتچىلىكىنىڭ بىرلىكى ۋە مېھىر-مۇھەببىتى ئارقىلىق ئەيسا مەسىھكە باغلانغانلىقىنى ئۆز ھاياتىدا ئەكس ئەتتۈرۈشكە چاقىرغان.
پاۋلۇس ئېتىقادچىلار جامائەتچىلىكىنى بىر تەنگە، بىر ئىمارەتكە ۋە بىر ئايالغا ئوخشاتسا، ھەزرىتى ئەيسانى بۇ تەننىڭ بېشىغا، بۇ ئىمارەتنىڭ ئۇلىغا ۋە بۇ ئايالنىڭ يولدىشىغا ئوخشىتىش ئارقىلىق ئېتىقادچىلار جامائەتچىلىكى بىلەن ھەزرىتى ئەيسا ئوتتۇرىسىدىكى ئالاھىدە مۇناسىۋەتنى چۈشەندۈرگەن.