ئەلچى پاۋلۇس سالونىكالىقلارغا بىرىنچى خېتىنى ئەۋەتىپ ئۇزۇن ئۆتمەيلا، ئەيسا مەسىھنىڭ قايتا كېلىشى ھەققىدىكى مۇنازىرىلەر سالونىكادىكى ئېتىقادچىلارنى قايمۇقتۇرغانلىقىنى ئاڭلاپ، بۇ خەتنى يېزىش ئارقىلىق ئۇلارنىڭ بۇ ھەقتىكى خاتا چۈشەنچىلىرىنى تۈزىتىپ بەرگەن. ئۇ ئەيسا مەسىھ قايتا كېلىشتىن بۇرۇن «خۇداغا قارشى چىققۇچى»نىڭ ئېزىقتۇرۇشى بىلەن دۇنيادىكى يامانلىق ۋە ئەسكىلىكنىڭ چېكىگە يېتىدىغانلىقىنى كۆرسىتىپ بەرگەن.
ئۇ ئېتىقادچىلارنى ھەرقانداق قىيىن شارائىتتىمۇ ئېتىقادىدا چىڭ تۇرۇشقا ئىلھاملاندۇرۇپ، ئۇلارنىڭمۇ ئۆزى ۋە قېرىنداشلىرىغا ئوخشاش ئۆز ئەمگىكىگە تايىنىپ تۇرمۇش كەچۈرۈشىنى تەكىتلەپ، ھېچ ئىش قىلماي لاغايلاپ يۈرگەنلەرنى ئاگاھلاندۇرغان.