22كېيىن، مۇسا ئىسرائىللارنى قىزىل دېڭىزدىن باشلاپ، شۇر چۆلىگە ئېلىپ كەلدى. ئۇلار چۆلدە ئۇدا ئۈچ كۈن مېڭىپ، سۇ تاپالماي، 23ئاخىر ماراھقا يېتىپ كەلدى. ئۇ يەرنىڭ سۈيى ئاچچىق بولۇپ، ئىچكىلى بولمايتتى. شۇڭا، ئۇ يەر ماراھ [«ئاچچىق» دېگەن مەنىدە] دەپ ئاتالدى.
24خالايىق مۇسادىن:
_ نېمە ئىچىمىز؟ _ دەپ، ئۇنىڭغا نارازىلىق بىلدۈردى. 25مۇسا پەرۋەردىگارغا يېلىنىپ تەلەپ قىلغانىدى، پەرۋەردىگار ئۇنىڭغا بىر شاخنى كۆرسەتتى. ئۇ شاخنى سۇغا تاشلىغانىدى، ئاچچىق سۇ ئىچكىلى بولىدىغان تاتلىق سۇغا ئايلاندى.
پەرۋەردىگار ئۇلارنى سىناش ئۈچۈن، ئۇ يەردە ئۇلارغا ئۆز تەلەپ ۋە شەرتلىرىنى ئېلان قىلدى. 26پەرۋەردىگار:
_ ئەگەر سىلەر پەرۋەردىگار خۇدا بولغان مېنىڭ سۆزۈمگە قۇلاق سېلىپ، م ېنىڭ نەزىرىمدىكى دۇرۇس ئىشلارنى قىلىپ، مېنىڭ ئەمر-پەرمانلىرىمغا تولۇق ئەمەل قىلساڭلار، ئۇ چاغدا مەن مىسىرلىقلارغا كەلتۈرگەن كېسەللەرنى سىلەرگە كەلتۈرمەيمەن. مەن سىلەرگە شىپالىق بېرىدىغان پەرۋەردىگاردۇرمەن، _ دېدى. [داۋامى]
9ئاندىن، مۇسا ھارۇنغا:
_ سەن بېرىپ، پۈتۈن خالايىققا: «پەرۋەردىگارنىڭ ئالدىغا يىغىلىڭلار، چۈنكى ئۇ سىلەرنىڭ نارازىلىقىڭلارنى ئاڭلىدى» دېگىن، _ دېدى. 10ھارۇن پۈتۈن خالايىققا گەپ قىلىۋاتقان ۋاقتىدا، ئۇلار چۆللۈككە قارىۋىدى، پەرۋەردىگارنىڭ پارلاق نۇرىنىڭ بۇلۇتلار ئارىسىدا جەۋلان قىلىپ تۇرغانلىقىنى كۆردى. 11شۇ چاغدا، پەرۋەردىگار مۇساغا مۇنداق دېدى:
12_ مەن ئىسرائىللارنىڭ رەنجىگەنلىكىنى ئاڭلىدىم. سەن ئۇلارغا: «خۇدا: ‹كەچقۇرۇن گۆش، ئەتىگەندە تويغۇدەك نان يەيسىلەر. بۇنىڭ بىلەن، سىلەر مېنىڭ پەرۋەردىگارىڭلار خۇدا ئىكەنلىكىمنى بىلىسىلەر› دېدى»، _ دېگىن.
13كەچقۇرۇن، سان-ساناقسىز بۆدۈنە ئۇچۇپ كېلىپ، پۈتۈن قارارگاھنى قاپلىدى. ئەتىسى سەھەردە قارارگاھنىڭ ئەتراپىدىكى يەر يۈزىگە شەبنەم چۈشكەنىدى. 14شەبنەم پارلانغاندىن كېيىن، چۆللۈكنىڭ يەر يۈزىدە نېپىز بىر قەۋەت قىرودەك نەرسە كۆرۈندى. 15ئىسرائىللار بۇنىڭ نېمە ئىكەنلىكىنى بىلىشەلمەي، بىر-بىرىدىن:
_ بۇ نېمىدۇ؟ _ دەپ سوراشتى.
مۇسا ئۇلارغا:
_ بۇ بولسا پەرۋەردىگار سىلەرگە ئاتا قىلغان يېمەكلىك. 16پەرۋەردىگار ھەربىرىڭلارنى ئۆز ئېھتىياجىغا قاراپ، ھەربىر ئائىلە كىشى بېشىغا ئىككى قاچىدىن يىغىۋالسۇن، دەپ بۇيرۇغان، _ دېدى.
17ئىسرائىللار خۇدانىڭ ئەمرى بويىچە ئىش كۆردى. بەزىلەر كۆپرەك يىغىۋالدى، بەزىلەر ئازراق يىغىۋالدى. 18كۆپرەك «قىرو» يىغىۋالغانلارنىڭ ئېشىپ قالمىدى، ئاز يىغىۋالغانلارنىڭمۇ كېمىپ قالمىدى. ھەممەيلەننىڭ يىغىۋالغىنى ئۆز ئېھتىياجىغا دەلمۇدەل ئىدى. 19مۇسا ئۇلارغا:
_ يېمەكلىكنى ئىككىنچى كۈنىگە ئاشۇرۇپ قويۇشقا رۇخسەت يوق، _ دېدى. 20لېكىن، بەزىلەر مۇسانىڭ سۆزىنى ئاڭلىماي، ئەتىسى ئەتىگەنگە بىرئاز ئاشۇرۇپ قويدى. بىراق، ئاشۇرۇپ قويۇلغان يېمەكلىكنىڭ ھەممىسى قۇرۇتلاپ سېسىپ كەتتى. شۇنىڭ بىلەن، مۇسا ئۇلارغا خاپا بولدى.
21ھەممە ئادەم ھەر كۈنى ئەتىگەندىلا چىقىپ، ئۆزىگە ئېھتىياجلىق يېمەكلىك يىغىۋالاتتى. چۈنكى كۈن قىزىغان ۋاقىتتا، يېمەكلىك ئېرىپ كېتەتتى. 22ئالتىنچى كۈنى، ئۇلار بىر ھەسسە ئارتۇق، يەنى ھەر كىشى تۆت قاچىدىن يېمەكلىك يىغىۋالدى. خەلق ئىچىدىكى ئاقساقاللار بۇ ئىشنى مۇساغا مەلۇم قىلدى. 23مۇسا ئۇلارغا:
_ پەرۋەردىگار: «ئەتە دەم ئېلىش كۈنى. بۇ كۈن پەرۋەردىگارغا ئاتىلىشى كېرەك. بۈگۈن ئوتتا قاقلاپ ۋە سۇدا قاينىتىپ پىشۇرىدىغانلىرىڭلارنى خالىغىنىڭلارچە پىشۇرۇڭلار. ئېشىپ قالغىنىنى ئەتىگە قالدۇرۇڭلار» دەپ بۇيرۇغان، _ دېدى. 24ئۇلار مۇسانىڭ تاپشۇرۇقى بويىچە ئېشىپ قالغان يېمەكلىكلەرنى ئىككىنچى كۈنىگە قالدۇرغىنىدا، قۇرۇتلاپمۇ كەتمىدى، سېسىپمۇ قالمىدى. 25مۇسا ئۇلارغا:
_ بۈگۈن مۇشۇ يېمەكلىكلەرنى يەڭلار. چۈنكى، پەرۋەردىگارغا ئاتىلىدىغان دەم ئېلىش كۈنىدە سىلەر يەردىن ھېچقانداق يېمەكلىك تاپالمايسىلەر. 26سىلەر چوقۇم ئالتە كۈن ئىچىدە يېمەكلىك يىغىۋېلىڭلار، يەتتىنچى كۈنى دەم ئېلىش كۈنى بولۇپ، بۇ كۈنى ھېچ نەرسە تاپالمايسىلەر، _ دېدى.
27يەتتىنچى كۈنى، بەزىلەر يەنىلا يېمەكلىك يىغقىلى چىققانىدى. لېكىن، ئۇلار ھېچ نەرسە تاپالمىدى. 28پەرۋەردىگار مۇساغا:
_ بۇ خەلق ھېلىغىچە مېنىڭ ئەمر-پەرمانلىرىمنى رەت قىلىۋاتامدۇ؟ 29ئېسىڭلاردا تۇتۇڭلاركى، مەن بولسام پەرۋەردىگاردۇرمەن. مەن سىلەرگە دەم ئېلىش كۈنى ئاتا قىلدىم. شۇ سەۋەبتىن، ئالتىنچى كۈنى سىلەرگە ئىككى كۈنلۈك يېمەكلىك بەردىم. يەتتىنچى كۈنى، ھەممە ئادەم سىرتقا چىقماي، ئۆيىدە ئولتۇرسۇن، _ دېدى. 30شۇڭا، ئىسرائىللار يەتتىنچى كۈنى ئىش قىلماي دەم ئېلىشتى.
31ئىسرائىللار بۇ يېمەكلىكنى ماننا، دەپ ئاتىدى. ئۇ ئاشكۆكىنىڭ ئۇرۇقىغا ئوخشاش ئاق رەڭلىك بولۇپ، تەمى ھەسەل قوشۇلغان نانغا ئوخشايتتى. 32مۇسا ئۇلارغا:
_ پەرۋەردىگار بىزگە: «ئەۋلادلىرىڭلارنىڭ مېنىڭ سىلەرنى مىسىردىن ئېلىپ چىقىپ، چۆل-باياۋاندا يېمەكلىك بىلەن تەمىنلىگەنلىكىمنى بىلىشى ئۈچۈن، ماننادىن ئىككى قاچا ساقلاپ قويۇڭلار» دېگەن، _ دېدى 33ۋە ھارۇنغا:
_ بىر كومزەككە ئىككى قاچا كەلگۈدەك ماننا ئېلىپ، ئەۋلادلىرىمىزغا ساقلاپ قويۇش ئۈچۈن، ئۇنى پەرۋەردىگارنىڭ ھۇزۇرىدا قويۇپ قويغىن، _ دېدى. 34ۋاقتى كەلگەندە، ھارۇن پەرۋەردىگارنىڭ مۇساغا چۈشۈرگەن ئەمرى بويىچە كومزەكنى ئەھدە ساندۇقىنىڭ ئىچىگە، پەرزلەر يېزىلغان تاش تاختىلارنىڭ ئالدىغا قويۇپ ساقلاپ قويدى. 35ئىسرائىللار تاكى تېرىلغۇ يېرى بار بولغان كەنئان زېمىنىغا بېرىپ ئولتۇراقلاشقۇچە، جەمئىي قىرىق يىل ماننا يېدى. [داۋامى]
13ھەزرىتى ئەيسا بۇ خەۋەرنى ئاڭلاپ، خىلۋەت بىر جايغا ئۆزى يالغۇز كېتىش ئۈچۈن كېمىگە ئولتۇرۇپ، ئۇ يەردىن ئايرىلدى. بۇنىڭدىن خەۋەر تاپقان خەلق ئەتراپتىكى يېزىلاردىن كېلىشىپ، ئۇنىڭ كەينىدىن پىيادە ماڭدى. 14ھەزرىتى ئەيسا كېمىدىن چۈشكىنىدە، نۇرغۇن ئادەملەرنى كۆردى ۋە ئۇلارغا ئىچ ئاغرىتىپ، ئۇلارنىڭ كېسەللىرىنى ساقايتتى.
15كەچقۇرۇن، شاگىرتلىرى ھەزرىتى ئەيسانىڭ يېنىغا كېلىپ:
_ بۇ خىلۋەت بىر جاي ئىكەن، ۋاقىتمۇ بىر يەرگە بېرىپ قالدى. خالايىقنى تارقىتىۋەتكەن بولسىڭىز، ئۇلار كەنتلەرگە بېرىپ ئۆزلىرىگە تاماق سېتىۋالسۇن، _ دېدى.
16_ ئۇلارنىڭ تارقاپ كېتىشىنىڭ ھاجىتى يوق، ئۇلارغا ئۆزۈڭلار تاماق بېرىڭلار، _ دېدى ھەزرىتى ئەيسا.
17شاگىرتلار:
_ بىزدە بەش نان بىلەن ئىككى دانە بېلىقتىن باشقا ھېچ نەرسە يوق، _ دېيىشتى.
18_ ئۇلارنى ماڭا ئېلىپ كېلىڭلار، _ دېدى ھەزرىتى ئەيسا. 19ئۇ خالايىقنى چىملىقنىڭ ئۈستىدە ئولتۇرۇشقا بۇيرۇغاندىن كېيىن، بەش نان بىلەن ئىككى بېلىقنى قولىغا ئېلىپ، ئاسمانغا قاراپ خۇداغا شۈكۈر ئېيتتى. ئاندىن، نانلارنى ئوشتۇپ شاگىرتلىرىغا بەردى. ئۇلار كۆپچىلىككە تارقاتتى. 20ھەممەيلەن يەپ تويدى. شاگىرتلار ئېشىپ قالغان پارچىلارنى لىق ئون ئىككى سېۋەتكە يىغىۋالدى. 21تاماق يېگەنلەرنىڭ سانى ئاياللار ۋە بالىلارنى ھېسابقا ئالمىغاندا، بەش مىڭچە كىشى ئىدى. [داۋامى]
32ھەزرىتى ئەيسا شاگىرتلىرىنى يېنىغا چاقىرىپ:
_ بۇ خالايىققا ئىچىم ئاغرىيدۇ. ئۇلار ئۈچ كۈندىن بېرى يېنىمدىن كەتمىدى، يەيدىغان بىر نەرسىسىمۇ قالمىدى. ئۇلارنى ئۆيلىرىگە ئاچ قورساق قايتۇرۇشنى خالىمايمەن، يولدا يىقىلىپ قېلىشى مۇمكىن، _ دېدى.
33شاگىرتلار ئۇنىڭغا:
_ بۇنداق خىلۋەت بىر يەردە بۇنچىۋالا خالايىقنى تويدۇرغۇدەك ناننى نەدىن تاپىمىز؟ _ دېيىشتى.
34_ قانچە نېنىڭلار بار؟ _ دەپ سورىدى ھەزرىتى ئەيسا.
_ يەتتە نان بىلەن بىرنەچچە تال كىچىك بېلىقىمىز بار، _ دېيىشتى ئۇلار.
35بۇنىڭ بىلەن، ھەزرىتى ئەيسا خالايىقنى يەردە ئولتۇرۇشقا بۇيرۇدى. 36ئاندىن، يەتتە نان بىلەن بېلىقلارنى قولىغا ئالدى ۋە خۇداغا شۈكۈر ئېيتىپ، ئۇلارنى ئوشتۇپ شاگىرتلىرىغا بەردى. ئۇلار كۆپچىلىككە تارقاتتى. 37ھەممەيلەن يەپ تويغاندىن كېيىن، شاگىرتلار ئېشىپ قالغان پارچىلارنى يەتتە سېۋەتكە يىغىۋالدى. 38تاماق يېگەنلەرنىڭ سانى ئاياللار ۋە بالىلارنى ھېسابقا ئالمىغاندا تۆت مىڭ كىشى ئىدى. [داۋامى]
1ئىككى كۈندىن كېيىن، جەلىلىيە ئۆلكىسىنىڭ كانا يېزىسىدا بىر توي بولدى. ھەزرىتى ئەيسانىڭ ئانىسى مەريەم ئۇ يەردە ئىدى. 2ھەزرىتى ئەيسا ۋە ئۇنىڭ شاگىرتلىرىمۇ تويغا تەكلىپ قىلىنغانىدى.
3تويدا شاراب تۈگەپ قالغاندا، مەريەم ھەزرىتى ئەيساغا:
_ ئۇلارنىڭ شارابلىرى تۈگەپ قاپتۇ، _ دېدى.
4_ ئانا، مېنى ئارىلاشتۇرمىسىڭىز. مېنىڭ ۋاقتىم تېخى كەلمىدى، _ دېدى ھەزرىتى ئەيسا.
5ئانىسى چاكارلارغا:
_ ئۇ سىلەرگە نېمە قىل دېسە، شۇنى قىلىڭلار، _ دېدى.
6ئۇ ئۆيدە يەھۇدىيلارنىڭ تازىلىنىش دىنىي قائىدىسىنى ئادا قىلىش ئۈچۈن ئىشلىتىلىدىغان، ھەربىرىگە سەككىز-توققۇز چېلەكتىن سۇ سىغىدىغان ئالتە تاش كۈپ قويۇلغانىدى.
7ھەزرىتى ئەيسا چاكارلارغا:
_ كۈپلەرگە سۇ تولدۇرۇڭلار، _ دېدى.
ئۇلار كۈپلەرنى ئاغزىغىچە تولدۇرۇشتى. 8ئاندىن، ھەزرىتى ئەيسا ئۇلارغا يەنە:
_ ئەمدى بۇنىڭدىن بىر چىنە ئېلىپ، زىياپەت باشقۇرغۇچىغا بېرىڭلار، _ دېدى.
ئۇلار بەجا كەلتۈرۈشتى.
9زىياپەت باشقۇرغۇچى سۇدىن ئۆزگەرگەن شارابنى تېتىپ كۆرۈپ، ئۇنىڭ قەيەردىن كەلتۈرۈلگەنلىكىنى بىلمىدى، ئەمما بۇنى سۇ توشۇغانلار بىلىشەتتى. شۇنىڭ بىلەن، زىياپەت باشقۇرغۇچى كۈيئوغۇلنى چاقىرىپ، 10ئۇنىڭغا:
_ بۇ شاراب بەك ياخشى ئىكەن! باشقا ساھىبخانىلار ياخشى شارابنى توينىڭ بېشىدا قۇيىدۇ. مېھمانلار خېلى قانغۇچە ئىچكەندىن كېيىن، ناچىرىنى قۇيىدۇ. ئەجەب، سەن ئەڭ ياخشى شارابنى مۇشۇ چاغقىچە ساقلاپسەن! _ دېدى.
11بۇ، ھەزرىتى ئەيسانىڭ دەسلەپكى مۆجىزىسى بولۇپ، جەلىلىيىنىڭ كانا يېزىسىدا كۆرسىتىلگەنىدى. بۇنىڭ بىلەن، ھەزرىتى ئەيسا ئۆزىنىڭ ئۇلۇغلۇقىنى ئايان قىلدى. ئۇنىڭ شاگىرتلىرى ئۇنى خۇدانىڭ ئەۋەتكەنلىكىگە ئىشەندى. [داۋامى]